باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

قۇربان ھېيت

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-28 02:37:55

‹‹قۇربان ھېيت›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 قۇربان ھېيت دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىقىئارالىق بايرىمى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايرىمى. قۇربان ھېيت ئەسىلىي ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىبىراھىم ئەلەيھسىالام چۈشىدە، ئىسمائىل ئەلەيھىسالامىنى ئاللا يولىدا قۇربانلىق قىلىش ھەققىدىكى بېشارەتنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشىنى ئسىمائىل ئەلەيھسىالامغا ئيېتىقانىكەن، ئىسمائىل ئاللانىڭ يولىدا قۇربانلىق بولىدىغان ئىش بولسا، ھېلىغۇ بىر جان، مىڭ جېنى بولسمۇ تەسەدۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپىتۇ. ئىسمائىلىنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن مىنا تېغغا  ئېلىپ كېتىۋاتسا شەيتانلار  ۋەسۋەسە سالىدۇ. شەيتانلارغا تاش ئېتىپ قوغلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسمائىلىنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياتقۇزغاندا، كۆزۈمنى ئېيتىپ قويىغىن، جان تالىشىۋاتقاندا ئىرادەمگە قارشى ھالدا ساڭا ئالىىيىپ قالماي، دەيدۇ. دادىسىى ئۆتكۈر پىچاقنى ئسمائىلىنىڭ گېلىغا سۈرىدۇ. بىراق، ھەرقانچە قىلىسىمۇ پىچاق ئۆتمەيدۇ. پىچاقنى تاشقا ئۇرسا تاشنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىدۇ، مانا شۇنداق چاغدا، بىر كۆك قوچقار ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە ئۇنى قۇربانلىق قىلىشىقا بۇيريدۇ. مانا شۇنڭىدىن تارتىپ يىلىدا قۇربان ھېيت مەزگىلىدە  قۇربىتى يېتىدىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىى ۋاجىپ بولۇپتۇ. مانا شۇنڭىدىن تارتىپ ئاللانىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش، ئاتىغا بولغان ساداقەت ۋە ۋەپادارلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ كۈننى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلەنىكەن. ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىغىلى مىڭ يىلىدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئۇلار قۇربان ھېيتىنى ئۆزىنىڭ  ئۆرپ_ئادىتى بويىچە تېخىمۇ بېزەپ ۋە بېيتىپ، ئۇنڭىغا ھەر خىل مەزمۇن ۋە مەنىلەرنى قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرىمىغا ئايلاندۇردى. ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتىنى  ئەرەبلەر ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان شەكىلىدە تەبرىكىلەپ كەلدى. قۇربانلىق قىلىش، ھەج قىلىش، ئىككى رەكەت قۇربان ھېيتىلىق ۋاجىپ ناماز ئوقۇشتىن باشقا بارلىق پائالىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ_ئادەت بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن. شۇڭا، بىز قۇربان ھېيتىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرىمى دەپ قارىساق بولىدۇ. ھېيتىتا نامازدىن قايتىپ، قۇربانلىققا ئاتالغان قوي ياكى كالا قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ئۇنڭىدىن كېىيىن، گۆشىنىڭ بىر قىسمى كەمبەغەل، يېتىم_يېسىرلارغا بېرىلىدۇ، قالغان قسىمىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، بالا_چاقا، ئۇرۇق_تۇغقان، دوست_بۇرادەرلەر بىلەن تەڭ يەيدۇ. ھېيتىتا تونۇشىدىغان _تونۇشمايدىغان كىشلەر ئۆزئارا سالاملىشىپ، ھېيتىنى تەبرىكلىشىدۇ. ئۇرۇق_تۇغقانلار، قوشنا _قولۇملار ، دوست_بۇرادەرلەر ئۆزئارا ھېيتىلىشىدۇ، كەمبەغەل، تۇل_خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنڭىكىگە بېرىپ، ئۇلارنى يوقلاپ، ھېيتلىق بېرىپ قايتىشىدۇ. ئۇرۇق_تۇغقانلارمۇ، دوست_يارەنلەرمۇ، قوشنا_قولۇملارمۇ بالىلىرىغا ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ھېيتىلىق بېرىشىدۇ. ھەممە ئادەم ھېيتىلىق كىيىمىلەرنى كىيىشىپ، چىرايلىق ياسىنىپ ھېيتىلىشىدۇ. رەستىلەردە، ھېيىتىگاھلاردا ناغرا_سۇنايلارنى ياڭرىتىدۇ، چوڭ_كىچىك، قېرى_ياش ساماغا چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەممە ئادەم ھېيت تەنتەنسىگە چۆمىدۇ.   

مەنبە.قائىدە يوسۇنلىرىمىز  

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备14002316号