ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇھەببىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ياخشى كۆرگەن قىزنى كىنو غا تەكلىپ قىلماستىنكەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىڭ. تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىكنىڭ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، قىزلارغا بولغان ئۈنۈمىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى بولىدىكەن. قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتا، ئۇلارنىڭ ئامراق يېمەكلىكلىكىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ "ئىشتىھا" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،ئالىي مەكتەپ يېشىدىكى قىزلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن مۇھەببەتنىڭ سىگىنالىنى قوبۇل قىلىش ئىنكاسى بىر قەدەر ياخشى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار قىزلارنى بىر مەزگىل تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماقنى ئاز يەيدىغان قىزلار ۋە ئۈچ ۋاق تاماقنى نورمال يەيدىغان قىزلارنى كۆزەتكەن، ئۇلارنىڭ شاكىلات، تورت قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە بولغان ئامراقلىقى دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدىكەن.
قىزلارنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن ئوتتۇرا نېرۋىسىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا،كۆرۈش سېزىمى ئېشىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدىكەن، بىراق ئورۇقلاۋاتقان قىزلاردا بۇنچە كۆپ ئىنكاس بولمايدىكەن.
دېمەك، قورسىقى تويغان قىزلارنىڭ يېمەكلىكتىن باشقا شەيئىلەرگە ئىشلارغا بولغان تەييارلىقى، سەزگۈرلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !