1. كىشىلەر تىغ ئۇچىنى سىزگە ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزلىرىگىلا قارىتىدۇ خالاس.
2. تاغنىڭ چوققىسىغا يامىشىش پۈتۈن دۇنياغا سىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە پۈتۈن دۇنيانى سىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.
3. ئەمەلىيەتتە سىز مۇۋەپپەقىيەتتىن ئەمەس بەلكى مەغلۇبىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز، مەغلۇپ بولۇش سىزنىڭ يولىڭىزنى توسىمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ غەلىبە قازىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
4. ھاياتتىكى ئەڭ خەتەرلىك تەۋەككۈلچىلىك بولسا سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز قىلالمايدىغان ئىشقا سەرپ قىلىۋېتىشىڭىزدۇر، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى نېمە قىلىشنى خالىسىڭىز شۇنى قىلغىنىڭىز ئەڭ ئاقىلانىلىك!
5. سىزنى ماختايدىغان ئادەملەر توپى سىزنىڭ چەمبىرىكىڭىزدە تۇرۇشقا چىدىيالمايدۇ.
6. ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىمىزدا ھەممىمىز ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز-ئۆزىمىز بىلەنلا مۇئامىلە قىلىپ ئۆتىمىز، شۇڭا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆزىڭىزنى قىزىقارلىق قىلىپ ئۆزگەرتىڭ.
7. ئۆزىڭىزنىڭ چەكلىمىلىكىنى چۈشىنىشىڭىز ھەمدە ئۇنى يېڭىشىڭىز كېرەك.
8. كىشىلەر ھەمىشە كۈرەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۇزۇنغا بارمايدۇ دېيىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. شۇڭا بىز سىزنىڭ مەيلى يۇيۇنۇش ياكى ئۆزىمىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىش بولسۇن ھەممىسىنى توختىتىپ قويماي ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
9. ھەممە ئادەمنىڭ قورقىدىغان بەزى ئىشلىرى بار، ھەم ياخشى كۆرىدىغان ئوبيېكىتلىرىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا بەزى نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.
10. راھەت-پاراغەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دۈشمىنى.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !