ۋېلىسپىت مىنگەندە، ھەر قانچە كۈچىسىڭىزمۇ يولۋاسقا يېتەلمەيسىز.
بېرىلگەن تەبىر: «سەھىنە ئەڭ مۇھىم!»
ئەرلەر ھەرقانچە مۇنەۋۋەر بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاياللار بولمىسا پەرزەنتلىك بولالمايدۇ.
بېرىلگەن تەبىر: «ھەمكارلىق ئەڭ مۇھىم!»
ھەر قانچە قابىلىيەتلىك ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ توپتىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ.
بېرىلگەن تەبىر: «كوللېكتىۋىزىملىق ئەڭ مۇھىم!»
كاپالەتكە ئىگە بولۇشتا، قانچە چوڭ چېلەك سېتىۋالسىڭىزمۇ يەنىلا قۇدۇق قازغانغا يەتمەيدۇ.
بېرىلگەن تەبىر: «يول ئەڭ مۇھىم!»
ئىككى يېشىل پاقا مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلغاندىن كېيىن بىر چارپاقا تۇغۇلدى، ئەركەك يېشىل پاقا ئاچچىقلانغان ھالدا «بۇ نېمە ئىش؟» دەپ سورىدى. چىشى يېشىل پاقا يىغلاپ تۇرۇپ دېدى: «دادىسى، مەن سىز بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن ھۆسن تۈزەتكەن.»
بېرىلگەن تەبىر: «چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم!»
تەخەي ئېشەكتىن سورىدى: نېمە ئۈچۈن بىز كۈندە ئوت يەيمىز، ئەمما كالىنىڭ يەم-خەشەكلىرى شۇنداق ئېسىل؟
ئېشەك ئۇلۇغ كىچىك تىنغىنىچە مۇنداق دېدى: بىز پۇتىمىزغا تايىنىپ جان باقىمىز، باشقىلار سۈتىگە تايىنىپ جان باقىدۇ.
بېرىلگەن تەبىر: «پىسخىكا ئەڭ مۇھىم!»
ئۆردەك بىلەن قىسقۇچپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە يېڭىش-يېڭىلىشنى ئايرىش ئىنتايىن تەسكە توختىدى، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم چىقارغۇچى مۇنداق دېدى: سىلەر بارماق چىقىرىشىپ بېكىتىڭلار!
ئۆردەك ئاچچىقلانغىنىچە مۇنداق دېدى: مېنىڭ چىقارغىنىمنىڭ ھەممىسى رەخت، ئەكىسچە ئۇ ھەمىشە قايچىلا چىقاردى.
بېرىلگەن تەبىر: «تەبئىيلىك ئەڭ مۇھىم!»
ئىت ئېيىققا «ماڭا ياتلىق بولسىڭىز، سىزنى بەختلىك قىلىمەن» دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان ئېيىق مۇنداق دېدى: ئەگەر سىزگە ياتلىق بولسام ئىت ئېيىق (قارا ئېيىق) تۇغىمەن، ئەگەر مۈشۈككە ياتلىق بولسا ئەتىۋارلىق مۈشۈكئېيىق تۇغالايمەن.
بېرىلگەن تەبىر: «تاللاش ئەڭ مۇھىم!»
چىۋىنغا ئەگەشسە ھاجەتخانا تاپار،
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسە گۈل-غۇنچە.
بايغا ئەگەشسە مىليون تاپار،
قەلەندەرگە ئەگەشسە تاماق!
ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا سىزنىڭ كىم بىلەن بىللە بولۇشىڭىز ھەقىقەتەن بەك مۇھىم، ھەتتا ئۇ سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئوربىتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، ھاياتىڭىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن.
قانداق ئادەم بىلەن بىللە بولسىڭىز، شۇنداق ھاياتقا ئېرىشىسىز.
تىرىشچان ئادەم بىلەن بىللە بولسىڭىز، ھورۇنلۇق قىلمايسىز؛
ئاكتىپ ئادەم بىلەن بىللە بولسىڭىز، چۈشكۈنلەشمەيسىز؛
ئەقىللىق ئادەم بىلەن ھەمسەپەر بولسىڭىز، كارامەت ئىگىسى بولىسىز؛
ئالىم بىلەن بىللە بولسىڭىز، يۇقىرى پەللىگە چىقالايسىز.
تەتقىقاتچى ئالىملار مۇنداق دەپ قارايدۇ: «ئادەم بىردىنبىر بىشارەتنى قوبۇل قىلالايدىغان ھايۋان.» ئاكتىپ بولغان بىشارەت ئادەمنىڭ كەيپىياتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىگە ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ھاياجان ئادەمدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار ئادەمنىڭ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ئالغان ئىنتىلدۈرۈپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلىتىدۇ.
پاسسىپ ئادەمدىن يىراق تۇرۇڭ! بولمىسا، ئۇلار بىلىپ بىلمەيلا سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغرىلاپ، ئاستا ئاستا سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكىچە قىلىۋېتىدۇ.
ئاكتىپ ئادەم قۇياشقا ئوخشايدۇ، قەيەرگىلا بارسا نۇر چاچىدىغان؛
پاسسىپ ئادەم ئايغا ئوخشايدۇ، ئاينىڭ بېشى بىلەن ئونبەشى ئوخشىمايدىغان؛
پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. قانداق پوزىتسىيە بولسا، شۇنداق كەلگۈسى بولىدۇ.
مىجەز تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، قانداق مىجەزى بولسا، شۇنداق كىشىلىك ھاياتى بولىدۇ.
بەزىلەر دەيدۇ، كىشىلىك ھاياتتا ئۈچ چوڭ تەلەي بولىدۇ دەپ: بىرى مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچراش، بىرى خىزمەتتە ياخشى ئۇستازغا ئۇچراش، يەنە بىرى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندا ياخشى ھەمراھقا ئۇچراش.
بەزىدە ئۇلار تاتلىق بىر كۈلۈمسىرىشى، بىر ئېغىز ئىللىق سالىمى بىلەن سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە نۇرلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ھاياتلىقتىكى ئەڭ بەختسىزلىك دەل سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان بىرىنىڭ بولمىغانلىقىدا.
يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئادەم سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قاراڭغۇ ۋە نۇرسىز قىلىۋېتەلەيدۇ.
ئىنتايىن ياخشى ئېيتىلغان مۇنداق بىر سۆز بار: سىزنىڭ كىملىكىڭىز مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ كىم بىلەن بىللە بولۇشىڭىزدۇر.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !