سۆزلەش ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. بۇ نېمەتتىن توغرا پايدىلىنىش، تىلنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش ھەر بىر كىشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. چۈنكى، ھەر بىر ئېغىز سۆز سۆزلىگۈچىنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادى، ئەخلاق - پەزىلىتى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە مىجەز - خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئادەم سۆزنى باشقۇرسىمۇ، لېكىن سۆز ئېغىزدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. شۇڭا سۆزلەشتىن ئاۋۋال شۇ سۆزنى قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار - يوقلۇقىنى ئويلاش، زۆرۈر بولسا سۆزلەش، بولمىسا سۈكۈتتە تۇرۇش ياخشىدۇر.
تىل - دىلنىڭ ئەلچىسى ۋە ئەقىلنىڭ تەرجىمانىدۇر، تىلى ۋە دىلى بىردەك بولغان ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە ئورنى يۈكسەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ: بىرى ياخشى ھەرىكەت، بىرى ياخشى سۆز. سۆزۈڭنى كۆزەتكىن، بېشىڭ كەتمىسۇن، تىلىڭنى كۆزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن» دېگەن. ئەلىشىر نەۋايى: «ھەر قانداق كۆڭۈلگە قاتتىق تىلدىن جاراھەت يېتىدۇ. يۇمشاق سۆز، شېرىن تىلدىن راھەت يېتىدۇ، مۇلايىم، چىرايلىق سۆز دۈشمەننىمۇ دوستلۇققا باشلايدۇ» دەپ ئېيتقان. بىر كىشى ئۆزىنىڭ تىلىنى تىزگىنلىيەلىسە، سۆزلەشكە تېگىشلىك يەرلەردە سۆز قىلسا ھەسرەت - نادامەتتىن يىراق بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدىغان، تايىنى يوق، مەززىسىز گەپنى تولا قىلىدىغان كىشى كۆپ خاتالىشىدۇ ۋە ئەخمەقلىقى كۆپ بولىدۇ، ئەل - جامائەت ئارىسىدىكى ئابرۇيىنى يوقىتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇھەممەد سىدىق راشىدىنىڭ «سىدىقنامە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق بىر ھېكايەت بار:
ھارۇن رەشىد بىر كېچىسى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە چىشلىرىنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەنمىش. ئۇ بىر مۇئەببىردىن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى سوراپتىكەن.
مۇئەببىر: − ئالىيلىرى سىلىنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلىرى سىلىدىن ئىلگىرى ۋاپات بولغۇدەك، ئۆزلىرى تەنھا قالغۇدەكلا، − دەپتۇ.
ھارۇن رەشىد بۇ تەبىردىن تولىمۇ رەنجىگەن ھالدا مۇئەببىرنى يۈز دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ ھەم ئۇنىڭغا :− ئەي سۆز بىلمەس نادان! سەن كىم ئىدىڭ، مېنىڭ بۇ چۈشۈمگە مۇشۇنداقمۇ تەبىر بېرەمسەن؟ قەۋم - قېرىنداشلىرىم مەندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھالىم نېمە بولىدۇ؟ - دەپتۇ. ئاندىن يەنە بىر مۇئەببىرنى چاقىرتىپتۇ.
− ئەي پادىشاھ، بۇ چۈشنىڭ تەبىرى شۇكى، ھەزرەتلىرى بارلىق قەۋم - قېرىنداشلىرىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەنلا - دەپتۇ ئىككىنچى مۇئەببىر.
ھارۇن رەشىد بۇ مۇئەببىرنىڭ سۆزىنى خوپ كۆرۈپتۇ ۋە بۇ كىشىگە يۈز تىللا ئىنئام قىپتۇ.
بۇ ھېكايەتتىن ئايانكى، ھەر قانداق كىشىنىڭ بىر ئادەمنى پۇل - مال ياكى قوپاللىق بىلەن ئۆزىگە مايىل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، سىلىق سۆز ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مايىل قىلىشى تامامەن مۇمكىن. كۆڭۈلدىكىنى چىرايلىق سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش پەزىلەتلىك كىشىنىڭ ئىشىدۇر. بىر كىشىنىڭ بىھۇدە گەپ - سۆز ۋە قىلمىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۆمۈرنى زايە قىلغانلىقىدۇر. ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ھەربىر ئېغىز سۆزنى ئەقىل تارازىسىدا دەڭسەپ دېيىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بىز بۇ نۇقتىنى «سۆيگۈزگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل»، «ئادەمنىڭ سۆزى - ئەقىلنىڭ تارازىسى»، «ياخشى سۆز روھىي ئوزۇق، يامان سۆز باشقا قوزۇق»، «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟»... دېگەنگە ئوخشاش ماقال - تەمسىللەردىن چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. ئېنىقكى، گاھى ۋاقىتلاردا ئويلانماي دېيىلگەن بىر ئېغىز گەپ جەمئىيەتتە ئىناقسىزلىق - زىددىيەت پەيدا قىلىشى، ئائىلىگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشى، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا كىشىلەر ئارا سۆھبەتلەردە مەدەنىي، ئىلمىي، سىلىق - سىپايە بولۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر. ئۇنداق بولمىغاندا قوپال چاقچاق، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىش بىلەن دوستلۇق ۋە ھۆرمەت پەردىسى يىرتىلىپ، ئۆزئارا ئىشەنچ سۇسلاپ، دوستلۇققا چاك كېتىدۇ.
كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، مەدەنىي سۆزلەش، تىلنى تىزگىنلەش، پايدىسىز سۆزلەرنى تەرك ئېتىش، راست - يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئەپقاچتى گەپلەرنى تارقاتماسلىق ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر. شۈبھىسىزكى، مەدەنىي سۆزلەشكەندە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكىلى، ئارىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزئارا مۇئامىلىدە ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا ئېنىق، توغرا، جايىدا، سىلىق - سىپايە، مېغىزلىق، يېقىملىق ۋە چىرايلىق سۆزلەشنى ئادەت قىلايلى، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئورۇندا ئويناپ سۆزلىسەكمۇ، ئويلاپ سۆزلەيلى.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !