بەخت ۋە بەختسىزلىك ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > مۇھەببەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-23 00:20:22

 

  بەخت ۋە بەختسىزلىك نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر - بىرىدىن ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر. كىشىلەر دائىم ئۆزىدە بار نەرسىلەرنىڭ قەدىرىنى بىلمەي، ئۇنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىگە ئۆكۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بەختكە بەختسىزلىك، خۇشاللىققا خاپىلىق ھەر ۋاقىت ھەمراھ.

  بۇرۇن بىر يىگىت ھەمىشە تەڭرىدىن ئۆزىگە بەخت ئاتا قىلىشىنى تىلەيدىكەن، شۇ نىيەت بىلەن كېچە - كۈندۈز تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، ئاخىر تەڭرىنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ، بىر كۈنى كېچىدە يىگىت ئىشىكىنىڭ يېنىك چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئىشىك تۈۋىدە چېھرى ئاينى خىجىل قىلغۇدەك بىر ساھىبجامال قىز تۇرغۇدەك، قىز يىگىتنى كۆرۈپ يېقىملىق ئاۋازدا؛   −− مەن بەخت ئاتا قىلغۇچى ئايال ئىلاھ، ئىسمىم قۇت پەرىسى، −− دەپتۇ.  خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈدەك بولغان يىگىت قىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. بۇ چاغدا قۇت پەرىسى كۈلۈمىسرىگەن ھالدا:   −− سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ، مېنىڭ يەنە بىر سىڭلىم بار، ئۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، −− دەپتۇ - دە، ئارقىسىغا قاراپ قاراڭغۇدا تۇرغان سىڭلىسىنى چاقىرىپ يىگىتكە تونۇشتۇرۇپتۇ. بۇ قىزغا قاراپ يىگىتنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، قان دىدارى قالماپتۇ ھەم كۆڭلىدە، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ سەت، بەتبەشىرە قىز بولدىكىنە، دەپ ئويلاپتۇ.  ئۇ قۇت پەرىسىدىن:  −− بۇ قىزچاق راستىنلا سىزنىڭ سىڭلىڭىزمۇ؟ −− دەپ سوراپتۇ.   −− راستىنلا مېنىڭ سىڭلىم، ئىسمى تۈن پەرىسى، ئۇ بەختسىزلىكنى كەلتۈرگۈچى ئايال ئىلاھ، −− دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىپتۇ قۇت پەرىسى.  بۇنى ئاڭلىغان يىگىت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ:  −− ئۆيگە ئۆزىڭىز كىرسىڭىزلا بولدى، تۈن پەرىسى سىرتتا تۇرۇپ تۇرسۇن، بولامدۇ ؟ −− دەپتۇ. قۇت پەرىسى:  −− تەلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىزمەن، چۈنكى سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز، −− دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان يىگىت قاتتىق ئازابلىنىپ گەپ - سۆز قىلالماپتۇ.   قۇت پەرىسى:  −− ئەگەر سىز بىر قارارغا كېلەلمىسىڭىز، بىز قايتايلى، −− دەپ تېزلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ.  تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ، ئازاب بىلەن خۇشاللىقنىڭ بىرىكمىسى. ھەر قانچە زور خۇشاللىقمۇ، ھەر قانچە چوڭ ئازاپمۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ. ئۆزئارا دەۋرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ئەرزىمەس بىر قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ۋە ياكى سودا - تىجارىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ھەممىدىن بىزار بولۇۋاتقانلار، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلار يوق ئەمەس، بىلىش كېرەككى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت دائىم مەغلۇپ بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ مەڭگۈ غەلىبە قازىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. توغرا پوزىتسىيە شۇكى ھاياتلىقتا بەخت ۋە بەختسىزلىك ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، بەخت كەلگەندە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىك، بەختسىزلىككە يولۇققاندا خۇدىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك. چۈنكى بەخت ۋە بەختسىزلىك ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يانفون رادىياتسىيەسىگە سەل قارىماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك سوقۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بوۋاقلار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت ئىچىملىكى قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش ساۋاتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىق بىلىملىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قول-پۇتى ئاساس مۇزلايدىغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قىشتا كۆز ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى كېسەللىكلەرنى چاي ئىچىپمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا يىڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مۇساپىرلار «قۇربانلىق قوي» ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تېررورچىلار شىددەتلىك ئېتىشىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، قونۇشقا مەجبۇر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما APEC رەھبەرلىرى يىغىنىدا ما يۈن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىتىش كامىراسىدا توققۇزىنچى ھۇجۇم قىلغۇچى پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى قار-يامغۇر 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015