تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، 30 ياشتىن يۇقىرى بويتاقلار مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇرمۇش تەرتىپى بارغانچە قالايمىقانلىشىدىكەن. بويتاقلارنىڭ كېسەل سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى توي قىلغانلارغا قارىغاندا 5%-10% يۇقىرى بولۇپ، تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم خەۋپى بىلەن تەڭ ئىكەن.
يېڭى زېللاندىيە تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بويتاقلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرنى، ھەتتا راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بويتاقلىق ياكى 35 ياشتىن كېيىن ئانا بولغانلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 30 ياشتىن بۇرۇن ئانا بولغانلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن. فىنلاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بويتاق ئەرلەرنىڭ توي قىلغان ئەرلەرگە قارىغاندا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 58%-66% يۇقىرى بولۇپ، بويتاق ئاياللارنىڭ توي قىلغان ئاياللارغا قارىغاندا 60%-65% يۇقىرى ئىكەن. بويتاق ئاياللارنىڭ ئۆمرى توي قىلغاندا 7-15 يىل قىسقا بولىدىكەن. بويتاق ئەرلەرنىڭ 8-17 يىل قىسقا بولىدىكەن.
ئۇزاق مەزگىل بويتاق ياشىغاندا كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، يالغۇزسىرايدىكەن، ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !