باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى مەشھۇر شەخسىلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر دۆلەت ۋە رايونلار بايراق ۋەگىرىبلەر

كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات - ئوسكار

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-01-22 13:54:35

\
ئوسكار مۇكاپاتى (The Oscars) يەنە «ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى» ياكى «ئاكادېمىيە مۇكاپاتى» (The Academy Award of Merit) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇكاپات كىنوچىلىق ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن تارقىتىلىدۇ. ئوسكار مۇكاپاتى ئامېرىكا كىنوچىلىق سەنئىتى ۋە ئىلىم-پەن ئاكادىمىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ. مۇكاپاتلانغۇچىغا بىر دانە ئالتۇن رەڭلىك ھەيكەل بېرىلىدۇ.
\
ئوسكار مۇكاپاتى 1928- يىلى تەسىس قىلىنغان ھەمدە تۇنجى قېتىم 1929- يىلى، ئامېرىكا كالفورنىيە ئشتاتى لوس ئانژېلېس شەھىرىدىكى ھوللىۋودنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان روسېۋېلت مېھمانخانىسىدا تارقىتىلغان ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىمدىن تارقىتىلغان. ئوسكار مۇكاپاتى ئامېرىكا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە سازاۋەردۇر. «ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى» بىلەن ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق كىنو فېسىتۋالى قوشۇلۇپ، دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى تۆت چوڭ كىنو مۇكاپاتى دەپ قارىلىدۇ.
ئوسكار مۇكاپاتى دېگەن بۇ نامنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار بىردەك ئەمەس. كۆپ ئېيتىلىدىغان قاراشلار ئىچىدە نىسبەتەن ئىشەنچىلىك دەپ سانىلىدىغان بىرى مۇنداق:
 1931- يىلى كىنو سەنئىتى ۋە ئىلىم-پەن ئاكادېمىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئايال باشقۇرغۇچىسى مارگارىت ھېرىچ ئالتۇن ھەيكەلنى تەپسىلىي كۈزەتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا: «ۋاي توۋا! بۇ ھەيكەل ئوسكار تاغامغا ئەجەپ ئوخشايدىكەن!» دەپ ۋارقىراپ كەتكەن. يان ئۆيدە تۇرغان بىر مۇخبىر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «سەنئەت ۋە ئاكادېمىيە خادىملىرى بۇ ھەيكەلنى چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن ئوسكار دەپ ئاتىدى» دەپ يازغان ، شۇنىڭ بىلەن ئوسكار مۇكاپاتى دېگەن نام كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان.
\
ئوسكار مۇكاپاتى ۋەقەلىك، ئاكتيور ۋە فىلىم ئىشلەش جەريانىغا قارىتا «ئەڭ نادىر فىلىم»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر سىنارىيە»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر كۆرۈنۈش»، «ئەڭ قالتىس سەنئەت لايىھەسى» قاتارلىق يەتتە خىل تۈر بويىچە تارقىتىلىدۇ.
ئوسكار مۇكاپاتى يەنە «مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى»، «ئەڭ نادىر چەت تىللىق كىنو مۇكاپاتى»، «خاتىرە مۇكاپاتى» قاتارلىق بىر نەچچە خىل تۈرلەر بويىچىمۇ تارقىتىلىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2