نوبېل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك كەشپىياتچى نوبېلنىڭ پاتنېت كىرىم مەبلىغى ۋە ۋەسىيىتى بىلەن 1900-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1901-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىغان. 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى نوبېل ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا فىزىكا، خىمىيە، فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات، تىنچلىق قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان. 1968-يىلى شىۋىتسىيە دۆلەتلىك بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، نوبېل فوندىغا ئىئانە قىلغان ھەمدە «شىۋىتسىيە دۆلەتلىك بانكىسىنى خاتىرىلەش نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى» نى تەسىسل قىلغان، بۇ مۇكاپات 1969-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان، كىشىلەر بۇ كېيىن تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتنى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
نوبېل شىۋىتسىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇغۇلغان بولۇپ، داڭلىق خىمىيە ئالىمى، قۇرۇلۇش ئىنژىنېرى، كەشپىياتچى، كارخانىچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆمرىدە تېخنىكا كەشپىيات پاتنېتىدىن 355 كە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نىترو گلىتسېرىندىن ياسالغان پارتىلىتىش دورىسى ئەڭ داڭلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كەشپىيات بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، يەنە سانائەت ئەمەلىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق بەش قىتئەدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تەخمىنەن 100 شىركەت ۋە زاۋۇت قۇرۇپ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان. ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى: «مېنىڭ مال-مۈلكۈمنى فوندى قىلىپ، ھەر يىل بۇ فوندنىڭ ئۈسۈمىدىن مۇكاپات تەسىس قىلىپ، بۇ بىر يىلاد ئىنسانىيەتكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاڭلار» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان.
نوبېل ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە ئېنىق باھالاش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، پەقەت نەچچە تۈرلۈك پىرىنسىپنى بېكىتكەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىنسانىيەتكە ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەنلەرگە تارقىتىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىيا، ئەدەبىيات، تىنچلىقتىن ئىبارەت بەش مۇكاپات تۈرى بار بولۇپ، تەرتىپ بويىچە: ئەڭ مۇھىم بايقاش ياكى كەشپىيات؛ ئەڭ مۇھىم خىمىيەلىك بايقاش ياكى ئۆزگەرتىش؛ ئەڭ مۇھىم بايقاش؛ غايىچىىك خاھىشىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەربىي ھازىرلىقلارنى بىكار قىلغان ياكى ئازايتقان، تىنچلىق يىغىنىغا ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ياكى ئەڭ كۆپ خىزمەت قىلغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.
خان جەمەتى شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى، كارولىسكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئەمەلىي ئىجرا قىلغۇچىلارمۇ كونكىرېت باھالاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسمىي ئاتالغۇچىلار، باھالىغۇچى، باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسى، بېلەت تاشلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 50 يىل مەخپىي تۇتۇلغان. بىردىنبىر بار بولغان قاتتىق ئۆلچەم يەككە مۇكاپات تۈرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا مۇكاپاتلايدىغان ئادەم سانى 3 تىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا 1974-يىلىدىن باشلاپ ۋاپات بولغانلارغا مۇكاپات تارقاتماسلىقنى قارار قىلغان. شۇڭا، گەرچە شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ستوكھولم ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئورگىنى، كوللېكتىپلاردىن مۇستەقىل بولغان، ئەزالىرىمۇ نوپۇزلۇق كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما باھالاشقا قارىتا گۇمان پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئەڭ داڭلىق مىسالى، ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە نىسپىيلىك نەزەرىيەسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ بايقىغان فوتوئېلېكتىر ئېففىكتى 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي، ھەمكارلىق ئورناتماي تۇرۇپ ھىندىستان مۇستەقىللىقىنى ئىگىرى سۈرگەن گەندى ھاياتىدا كۆپ قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئېرىشىپ باقمىغان، بۇ ناھايىتى زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2009-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزىلەر، ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى 9 ئايغا توشماي تۇرۇپ، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشماي تۇرۇپ، نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىشى مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارىدى. ئەمما خەلقئارا ھۆكۈمەت ئوبامانى تەبرىكلىگەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇنى دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشقان دەپ خىتاب قىلماقتا.
بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ئىستاتىستىكا 1996-يىلىغىچە بولغان نوبېل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان. مۇشۇ 95 يىل جەريانىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەپلىك تارقىتىلماي قالغان نوبېل مۇكاپاتلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 639 ئادەم نوبېل مۇكاپاتى ئالغان.
پەن تۈرى بويىچە ئايرىغاندا:
فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئادەم 148 نەپەر، خىمىيەدىن 123 نەپەر، بىيولوگىيەدىن 159 نەپەر، ئەدەبىياتتىن 91 نەپەر، تىنچلىقتىن 81 نەپەر، ئىقتىسادتىن 37 نەپەر.
دۆلەت تەۋەلىكى بويىچە ئايرىغاندا:
بۇ كىشىلەر 43 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان بولۇپ، ئامېرىكىدا 229 ، ئەنگلىيەدە 81، گېرمانىيەدە 72، فىرانسىيەدە 48 ، شىۋىتسىيەدە 27، شىۋىتسارىيەدە 18، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 17، گوللاندىيەدە 15، ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيەدە 13، دانىيەدە 11، قالغان دۆلەتلەردىكى سانى ئونغا يەتمەيدىان بولۇپ ياپۇنىيەدە 8، ئىسرائىلىيەدە 4، ھىندىستاندا 3، ئافرىقىدا 8، ئاۋىستىرالىيە قىتئەسىدە 4، جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدە 4.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ دۆلەتلەر بويىچە رىقابەت كۈچى جەھەتتىن قارىغاندا:
ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ، گېرمانىيەلەردىن كېيىن تۇرغان، بىراق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قاچقان ئالىملارنىڭ ئامېرىكىغا توپلىنىشى بۇ دۆلەتنى بۇ جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزگەن.
دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ئايرىغاندا:
نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قسىمى دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپلىرى غەربتىكى خىرىستىيان دۆلەتلىرىدىن كېلىپ چىققان. يۇقارقى 639 ئادەمنىڭ 21 نەپىرىنىڭ دىنىي ئىتىقادى سۇس ياكى يوق بولۇپ، بۇلار ئاساسەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە شەرقى ياۋروپادىكى سابىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن كەلگەن. نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار ئىچىدە خىرىستىيان دىنىدىكىلەر 596 نەپەر (خىرىستىيان، كاتولىك، پىياۋۇسلاۋ)، 93 پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ. يەھۇدى دىنىدىكىلەر 8 نەپەر، بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنى بولۇپ جەمئى 6، ئىسلام دىنىدىكىلەر 4 نەپەر بولۇپ 0.62 پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ.
ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا:
نوبېل مۇكاپاتى ئالغۇچىلارنى تەربىيەلىگەن 20 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپلەر تۆۋەندىكىچە: كامبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى 56، خارۋارد 36، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 34، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى 26، گېرمانىيە مىڭشىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرى 22، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى 20.
يۇقارقى ئالىي مەكتەپلەردىن پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقىلىرى خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر بولۇپ، بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنىي ئارقا كۈرۈنۈشى بار. ھەتتا بەزىلىرىنى دىنىي جەمئىيەتلەر ئاچقان. مەسىلەن، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خىرىستىيان دىنىي پىرۇتىستانت مەسلىھەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان. ئۇندىن باشقا ھەر بىر ئالى مەكتەپتە چېركاۋ بار بولۇپ، بىر ئالىي مەكتەپ شەھەرچىسىنى بىر چېركاۋ جامائىتى توپى دەپ قاراشقا بولىدۇ.