6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىققان ماللارنى كارانتىن قىلىش ئىدارىسى 13.6 توننا ئېغىرلىقتىكى، قىممىتى 480 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئەنجۈر، پېچىنە، تورت ۋە ئىچىملىك قاتارلىق لاياقەتسىز ئىمپورت ماللارنى بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، بۇ لاياقەتسىز يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى تۈركىيە، قازاقىستان، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىنجاڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىققان ماللارنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئىدارىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.



