باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

13 ياشلىق بالا ئۈرۈمچى چوڭ كۆلدە سۇ ئۈزۈۋېتىپ تۇنجۇقۇپ قالدى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-20 13:52:38

قۇتقۇزۇش خادىملىرى سۇ ئىچىنى چالا قويماي ئاختۇرماقتا

18-ئىيۇن سائەت 16:00لەر ئەتراپىدا، 13 ياشلىق ي Xنىڭ جەسىتى سۇدىن سۈزۈپ چىقىلغاندا، قۇربان توختى ئەر-خوتۇن يىقىلىپلا قالدى، ئۇلارلا ئەمەس، ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆزىنى ۋاقىتسىز كەتكەن بۇ مەسۇم بالىنىڭ مۇزدەك جەسىتىگە ئېتىپ، يىغلاپ كېتىشتى.

17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ي X چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىدا سۇغا چۆمۈلۈۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ قالدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 20لەر ئەتراپىدا، مۇخبىر بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەندە، ساقچىلار، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىپ بولغان، ئۈچ قۇتقۇزۇش خادىمى ھادىسە يۈز بەرگەن سۇ رايونىدا بالىنى ئىزدەۋاتقانىدى، ئائىلە تاۋابىئاتلار بولسا قىرغاقتا بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى ساقلىماقتا ئىدى.

قاراڭغۇ چۈشكەندە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھاسىرىغىنىچە قىرغاققا ئۈزۈپ كەلدى ۋە :‹‹سۇنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى، ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز›› دېدى ۋە ساقچىلار ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتتى. ئۇلار ئەتىسى ئىككى سائەت ئىزدەپ قىرغاققا 4~5 مېتىر كېلىدىغان، ئۈچ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىدىكى تاش ئارىسىدىن قىسىلىپ قالغان ي Xنىڭ جەسىتىنى تاپتى.


ئىگىلىنىشىچە، ي X ئۈرۈمچى شەھەرلىك 24-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تېخى چۈشتىن بۇرۇنلا تولۇقسىز ئوتتۇرىغا يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانىنى تۈگىتىپ، چۈشتىن كېيىن چوڭكۆل سۇ ئامبىرىغا ئوينىغىلى بېرىپ، بەختكە قارشى قازا قىلغانىدى.


‹‹نېمىشقىمۇ بالىغا ئىككى يۈەن بەرگەندىمەن؟›› دەپ يىغلىماقتا ئىدى 38 ياشلىق قۇربان توختى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بالا سىرتقا چىقىپ ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ بالىغا ئىككى يۈەن بەرگەن، بىراق، چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00لەردە ئۇ ئوغلىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ، دەرھال ئايالىنى ئېلىپ چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىغا يېتىپ كەلگەن. ئايالى ئوغلىنىڭ قىرغاققا سېلىپ قويغان كىيىملىرىنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كەتكەن. ئارانلا بەرداشلىق بېرىپ تۇرغان قۇربان توختى قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا قارىغىنىچە، مۆجىزە يۈز بېرىپ بالىسىنىڭ سۇ ئىچىدىن سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى، بىراق ئۇنى كۈتكىنى خۇشاللىق بولماستىن، بەلكى بالىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتىن ئىبارەت قاتتىق پاجىئە بولغانىدى.

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号