ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەدەنىيەت-تارىخ >>

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا — كېرىيە دوپپىسى

يوللىغان ۋاقىت:2009-10-13 15:47:34  يازغۇچى :  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرۈش سانى0  خەت ھالىتى:[چوڭ ][ئوتتورا ][كىچىك ]
图片说明1 图片说明2 图片说明3

     كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ ، بۇ جەھەتتە باشقا رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى ، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.

     كېرىيە دوپپىسى تەلپەك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا جىننېس رېكورتى قامۇسغا ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا›› دەپ كىرگۈزۈلگەن. 

      تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر ، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق ، سېرىق ، كۆك ، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ . ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ . تەلپەك يىڭنە ياكى قوش يىڭنە بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ . ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ . كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ . كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ .

    ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق ، كۈمۈش رەڭ تاشلىقى كىيىلىدىغان بولۇپ ، بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن ، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ . سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ . جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا ، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ . ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.

تەھرىر :ablet

مۇناسىۋەتلىك سۈرەت
  •   دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا —...
  •   دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خار...
  •   تارىختىكى ئادەملەر رەسىملى...
  •   مەدەنىيەت بەلگىسى
  •   ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مەشرەپ ...
  •   قەشقەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى
  •   قەشقەر
  •   مىللىيچە چالغۇ ئەسۋابلار(1)
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(4)
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(3)
  •   قەشقەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى
  •   تارىختىكى ئادەملەر رەسىملى...
  •   دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خار...
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(2)
  •   ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مەشرەپ ...
  •   دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا —...
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(3)
  •   قەشقەر
  •   مەدەنىيەت بەلگىسى
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(4)
  • دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابە — يارغول قەدىمكى شەھىرى
    دۇنيادىكى ئەڭ ...
    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا — كېرىيە دوپپىسى
    دۇنيادىكى ئەڭ ...
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ