ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەدەنىيەت-تارىخ >>

دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابە — يارغول قەدىمكى شەھىرى

يوللىغان ۋاقىت:2009-10-13 15:40:38  يازغۇچى :  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  كۆرۈش سانى0  خەت ھالىتى:[چوڭ ][ئوتتورا ][كىچىك ]
图片说明1 图片说明2 图片说明3
图片说明4 图片说明5
    يارغول قەدىمكى شەھىرى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقتىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى بولۇپ ، تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن ئون كىلومېتىر غەربىدىكى يار ئېغىزى غولىغا جايلاشقان . خارابە جايلاشقان تۆپىلىك تىك قىيالىق بولۇپ ، نىسپىي ئېگىزلىكى 20~30 مېتىرگە يەتكەچكە ، قىيانىڭ گىرۋىكىدىكى مۇداپىئە توساق تېمىدىن باشقا ، ئادەتتىكىدەك سېپىللار يوق . بۇ تۆپىلىك تال يوپۇرمىقى شەكلىدە بولۇپ ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1700 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە ئەڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدۇ . قۇرلۇشلار ئاساسەن شەھەر خارابىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 360 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . شەھەرنىڭ جەنۇبىي ، شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىدا ياردىن ئېچىلغان قوۋۇق بار . جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن شەرقىي قوۋۇق قەدىمكى شەھەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ ، شەھەرنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ يول جەنۇبىي ۋە شەرقىي قوۋۇقلار بىلەن تۇتىشىدۇ ھەمدە قۇرلۇشلار مەركەزلەشكەن رايوندىكى 47 تار كوچىنىمۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ، پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئاھالىلەر ئولتۇردىغان قورۇ – جايلارنىڭ ئىشىكلىرى بىۋاستە چوڭ يولغا قارىتىپ ئېچىلماي ، بەلكى تار كوچىلار ئارقىلىق چوڭ يولغا تۇتاشتۇرۇلغان .
   ھازىر ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلاردىن ئوخشىمايدىغان بىناكارلىق تېخنىكىسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، يەرنى كولاپ تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى ئالغاندا ، بۇنىڭدا تام ئورنى قالدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچى – سىرتى كولانغاندىن كېيىن تام شەكىللىنىدۇ ، بۇ ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تېخنىكا ۋە ئاساسلىق قۇرلۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە خاڭداش ، لاي دۆۋلەش ، كېسەك – چالمىلار بىلەن قوپۇرۇش ، گەمە كولاش قاتارلىق تېخنىكىلارمۇ بولۇپ ، ئۇلار ئوخشىمايدىغان رول تەرتىپى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلغان . يارغول تۆپىلىكىنىڭ شىمالىدا ، يەنە تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە قىيپاش يوللۇق ، ئۆڭكۈرسىمان لەھەتلىك نەچچە ئون قەبرە بار . بۇ قەدىمكى شەھەر مەمىلكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .

تەھرىر :ablet

مۇناسىۋەتلىك سۈرەت
  •   قەدىمقى مومىيالار
  •   قىزلار نىڭ مەخپىيەتلىكى
  •   دەھشەت تام سائەت
  •   قىزىقارلىق مۇسابىقە
  •   ھەرخىل مەدەنىي بەلگىلەر
  •   قىستۇرما كۆرۈنۈشلەر
  •   كۇبا«سىگارتى»
  •   تىرناق فىلىمى
  •   1988-يىلىدىكى مودا
  •   PSرەسىملەر
  •   قەشقەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى
  •   تارىختىكى ئادەملەر رەسىملى...
  •   بۇ يەر قەيەردۇ!!!!
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(4)
  •   كىرورەن گۈزىلى
  •   دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خار...
  •   مىللىيچە نەقىشلەر(1)
  •   قەشقەر
  •   ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مەشرەپ ...
  •   ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ توي ك...
  • قىزلار نىڭ مەخپىيەتلىكى
    قىزلار نىڭ مەخ...
    قەدىمقى مومىيالار
    قەدىمقى مومىي...
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ