جۇڭگولۇقلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى نيويۇركنىڭ ئارامىنى بۇزدى

0 2013-08-12 11:39:25   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يېقىندا، جۇڭگولۇق مومايلارنىڭ خەلق مەيداندا ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈن قويۇۋالغان مۇزىكا ئاۋازى ئاھالىلەرگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكى، تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ئامېرىكا ساقچىلىرىنى چۆچۈتىۋەتتى. 6- ئاۋغۇست، توردا ئېلان قىلىنغان " بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئاۋارىچىلىق، نۇيوركتىكى جۇڭگولۇقلار مەيداندا ئۇسسۇل ئوينىغاندا چىققان مۇزىكا ئاۋاز ئاھالىلەرگە دەخلى قىلغاچقا ئۇسۇل يىتەكچىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ كېتىلدى" ناملىق خەۋەر توراداشلارنىڭ دىققەتنى قوزغىدى. بۇ خەۋەر ئامېرىكا " مۇھاجىرلار گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى تېمىسى: " نيۇيوركتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتى باغچىدا مۇزىكا مەشىق قىلىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ دەم ئېلىشىغا دەخلى قىلغاچقا شىكايەت قىلىندى." خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: نيۇيوركنىڭ بروكلىن دېگەن يېرىدىكى كۈنپېتىش باغچىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىدىغان، سەيلە قىلىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىققان مۇزىكا ئاۋازى ئاھالىلەرگە دەخلى قىلىش مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەتراپتىكى باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ پاش قىلىشى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. يېقىندا، جۇڭگولۇقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ئۇسسۇل ئەترىتى بۇ باغچىدا مەشىق قىلىۋاتقاندا، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى، كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن ساقچىلار ئۇسسۇل يېتەكچىسى ۋاڭ خانىمىنى قولغا ئالغان ، ھەمدە چاقىرىق قەغىزى بەردى، ۋاڭ خانىم 6- ئىيۇل سوتقا چىقىپ ئەيىبلەندى.
ئىگىلىنىشچە، جۇڭگولۇقلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇسسۇل ئەترىتى كۈنپېتىش باغچىسىدا تولىمۇ پائالىيەتچان بولۇپ، جۇڭگولۇقلار مەھەللىسىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەر ياكى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر بولسىلا ئۇلار شۇ يەردە پەيدا بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئاھالىلىرىگە بەل دۇمبىقى ماھارىتى ۋە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنداپ بېرىدىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا بۇ ئۇسسۇل ئەترىتى بروكلىندىكى كۈنپېتىش باغچىسىدا مەشىق قىلىدىكەن. ئەمما، بۇ باغچىدا بەدەن چېنىقتۇرغىلى ۋە ئۇسسۇل ئوينىغىلى كېلىدىغان جۇڭگولۇقلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگولۇقلار كۆپ ھاللاردا مۇزىكا قويۇپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق بولغاچقا، ئاقىۋەتتە ھەمىشە بۇ مۇزىكا ۋە شاۋقۇن- سۈرەنلەرگە چىدىيالمىغان ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە ئاغرىنىشى كېلىپ چىقىدىكەن. يېقىندا بۇنداق ئاغرىنىش ساقچىغا مەلۇم قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. ساقچى تەرەپ ۋاڭ خانىمنى ئەيىبلەشتە " باغچىدا سەۋەبسىز ھالدا شاۋقۇن- سۈرەن پەيدا قىلغان" دېگەننى باھانە قىلغان.

بۇ خەۋەر دۆلەت ئىچىدە مەيدان ئۇسسۇلىغا قارىتا نۇرغۇن بەس- مۇنازىرە قوزغىدى. باغچىدا كارائوكى ئېيتىش، تاماق- چايدىن كېيىن ئۇسسۇل ئويناشنى ئەمەلىيەتتە بەك ئەيىبلەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇنى قوللىغۇچىلار بۇ ھەركەت ياشانغانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىنى بېيىتتى دەپ تەرىپلىسە، قارشى تۇرغۇچىلار " ئاۋاز بەك يۇقىرى، ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ " ، ھەمدە ئەتراپتىكى تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغان كىشىلەرگە تەسىر يەتكۈزدى، دەپ قارىماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博