قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى بېرىلىدىغان ئالدىن كەسىپلەر تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ كەسىپلەر تۈرى تۆۋەندىكىچە: قېزىلما بايلىقلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، قېزىش، توشۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە؛ مېتاللۇرگىيە ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە؛ يېزا ئىگىلىك - سانائەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەسى؛ بىيولوگىيە تېخنولوگىيەسى؛ خىمىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە؛ يېڭى ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش ۋە ماشىنىسازلىق ساھەسىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە؛ سەپلىمە ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى؛ TI تېخنىكىسى قاتارلىقلار.