ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تاجىكىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ

0 2013-06-27 12:31:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر بانكىنىڭ »شېرىك پىلانى« غا ئاساسەن2014~ 2024- يىللىرى تاجىكىستاننى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەقسىز ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ پۇللار تاجىكىستاننىڭ يول ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
      ئىگىلىنىشىچە،1998- يىلىدىن باشلاپ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تاجىكىستاننى جەمئىي 966 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز پۇل ۋە ھەقسىز ياردەم پۇل بىلەن تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە تەمىنلىنىدىغان ياردەم پۇل سوممىسى 530 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كۆپلىگەن ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر