قىرغىزىستان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013 - يىلىدىن باشلاپ قىممەت مېتاللار رۇدىسىدىن %5 لىك ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ. شۇندىن كېيىن ھەر يىلى %5 تىن ئېشىپ بارىدۇ، تا 2018 - يىلىغا قەدەر ئېكسپورت تاموژنا بېجى %30 كە يېتىدۇ. مەزكۇر مىنىستىرلىقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستاننىڭ قىممەت مېتاللار رۇدىسىدىن ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى بۇ خىل مېتاللارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ رۇدا پىششىقلاش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.