ئۆزبېكىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئەركىن سودا رايونىغا كىرمەكچى

0 2013-06-26 11:34:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى لېبېدېۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئەركىن سودا رايونىغا كىرىشى توغرىسىدا بىردەك پىكىر ھاسىل قىلدى. ئۆزبېكىستان 2013 - يىلىدىن ئىلگىرى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇشى مۇمكىن.
      مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى رامكىسى ئىچىدىكى ئەركىن سودا رايونى ئەھدىنامەسىنى رۇسىيە، ئەرمېنىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، مولدوۋا، تاجىكىستان ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق سەككىز دۆلەت2011- يىلى 10 - ئاينىڭ18- كۈنى ساينت پېتېربۇرگدا ئىمزالىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۈچ دۆلەت بۇ ئەھدىنامەگە قاتنىشىش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر