يەر شارى تورىنىڭ ئونۋىرسال ئاخبارات خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئەڭ تېز تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكىلاتىدا، بىر نەپەر ئاۋىستىرالىيەلىك ئالدىدا جۇڭگودا ئۇقۇغان كېيىن ئاۋىستىرالىيەگە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچى، زەھەر ئېلىپ سېتىش ۋە پۇل يۇيۇش پائالىيتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان. يېقىندا مەمۇرىيەتتە نارازلىق ئەرزىگە قاراپ چىقىش ئارقىلىق بۇ بالىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىۋىتىش قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بۇلۇپ، ئۇ داۋاملىق ھالدا ئاۋىستىرالىيەدە تۇرسا بۇلىدىكەن دېيىلگەن.
دوكىلاتتا، بۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى لىياۋشىن دەپ ئالغان. مەمۇرىيەت ئەرىزىگە قاراپ چىققۇچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى فېيجى مۇشۇ ئايدا قارار چىقارغان چاغدا " ئۇنىڭ ئاۋىستىرالىيەدە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر " ئۈلگىلىك جىنايەتچى "، خىزمىتى بار ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېقىۋالغان موئېربېن ئائىللىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن " دېگەن.
دوكىلاتتا: 2000-يىلى، 18 ياشلىق لىياۋشىن فامىللىك ئوقۇغۇچى ۋىزا بىجىرىش ئارقىلىق ئاۋىستىرالىيەگە كەلگەن، ئۇ خان جەمەتى موئېربېن تەبىئىي پەن سانائەت پەنلىرى ئونىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقىئارا سودا كەسپىنى ئۇقۇغان. كېيىن بىر ئاشپەزلىك مەكتىپىگە يۆتكىلىپ بارغان. لېكىن ئىزچىل تۈردە خىزمەت تاپالمىغان. ئۇ پۇل ئۆتنە ئېلىش ئارقىلىق بىر ھۆسۈن تۈزەش دۇكىننى ئاچقان، لېكىن تىجارىتى ئانچە بەك ياخشى بۇلۇپ كەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىمارغا ئۈگۈنۈپ قالغان. يېشى كىچىك بولغانلىقتىن ئۇ بىر جۇڭگو گۇاڭدوڭلۇق جىنايەتچىلەرنىڭ گوروھىنىڭ باشلىقىغا تۇنۇشتۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ زەھەرلىك بۇيۇم ئەپكەسچىلىكى ۋە قارا پۇلنى يۇيۇش پائالىيتىگە قاتناشقان. يۇيغان پۇلنىڭ سوممىسى 4000000 يۈەن بولغان، كېيىن بۇ پۇل يۇيۇش دېلوسى ئاۋىستىرالىيەلىك ھەيئەت كومىتىتى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ چىقىلغان دېيىلگەن.
لېكىن لىياۋشىن ئەزەلدىن بۇ " باشلىق " نىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارلاپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاشكارلىمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ تەھدىدكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرگەن.
ئاۋىستىرالىيە يەرلىك ئورگاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قارارى بولسا، لىياۋشىنىڭ بۇرۇن جۇڭگوغا قايتىپ زەھەر تەمىنلەشنى ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغان . لېكىن جۇڭگو ئىلگىرى ئۇنىڭغا دۆلەتكە قايتىپ كىلىپ جىنايى قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىشقا قارار چىقارغان.
لېكىن لىياۋشىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن چاغدا، ئاۋىستىرالىيە بىلەن جۇڭگو 2007-يىلى تۈزۈلگەن ئۆتكۈزۈپ بىرىش شەرتنامىسى تېخى كۈچكە ئىگە بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ داۋاملىق تۈردە ئاۋىستىرالىيەدە جازا مۇدىتىنى ئىجرا قىلىدىكەن.
ئەنجىلىنا . جۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋسىزلىك كېڭ...
ئىتالىيە سابىق زۇڭلىسى بېرلوسكونى7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈ...
پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇشەررەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قى...
iPhone 5S بۇ يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىي ھالدا بازارغا سېلىنىدىكەن
ھىلارى ئامېرىكىغا خانىملارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئارزۇ ق...
خارۋارد ئونۋېرسىتېتى " سەمىمىي بولمىسىڭىز ئاۋارە قىلماڭ " (...
8 دۆلەت باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى سۇرىيەدە ئۆتكۈنچى ھۈكۈمەت...