ئۈچ ئوغۇل بالىغا پەسكەشلىك قىلغان سابىق باشقارما باشلىقى جاجىسىنى يىدى

02013-06-20 11:04:34   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ئەسلىدىكى گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى باشقارما باشلىقى لىجۈننىڭ ئالدىنقى يىلى ئوغۇل بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلىقى دىلوسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان . بىر يىل تەھقىقلەش ۋە سوت ئېچىش ئارقىلىق ، بۇ دىلوغا تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭجۇ شەھىرى لىۋەن رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھۈكۈمىنى ئېلان قىلدى . سوت لىجۈننىڭ 14 ياشتىن تۈۋەن ئۈچ بالىغا كۆپ قېتىم پەسكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ، لۈجۈننى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ، 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلدى .

   گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ئىشىلار ئىدارىسىنىڭ سابىق باشقارما باشلىقى 14 ياشتىن تۈۋەن ئۈچ ئوغۇل بالىغا پەسكەشلىك قىلغان ، بىراق لى جۈن ئۆزىنى ئاقلاپ ھەمجىنىسلارنى تەتقىق قىلماقچى دېگەن .
   گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ئىشىلار ئىدارىسىنىڭ سابىق باشقارما باشلىقى لى جۈننىڭ ئوغۇل بالىغا پەسكەشلىك قىلىش دېلوسى بۇلتۇر تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاممىنىڭ كۈچۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بىر يىلغا يېقىن رازۋېتكا قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ دېلوغا قارىتا گۇاڭجۇ شەھىرى لىۋەن رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسى لى جۈن كۆپ قېتىم ئۈچ نەپەر 14 ياشقا توشمىغان ئوغۇل بالىغا پەسكەشلىك قىلغان دەپ بېكىتىپ، لى جۈنگە بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى. سوتتا لى جۈن يەنىلا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
  سوتنىڭ بېكىتىشىچە، 2011-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە، لى جۈن 1330087398نومۇرلۇق(ئىسمى جۈن جۈن، بۇ نومۇر ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى) ۋە 1922612714نومۇرلۇق QQنى ئىشلىتىپ، تېڭشۈن تورىدا لەيلىمە بوتۇلكا ئېتىش، QQدا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شياسۇ، شياۋۇ، شياۋجاڭ قاتارلىق ئوغۇل بالىلار بىلەن تۇنۇشۇپ پاراڭلاشقان. لى جۈن كېيىن نەق پۇل، 300-400 يۈەن پۇل بىلەن QQتەڭگىسى سېتىۋېلىش، iPodئېلىپ بېرىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ بالىلارنى ئازدۇرۇپ، كۆپ قېتىم 14 ياشقا توشمىغان ئوغۇل بالىلارنى شەنبە كۈنىدە تۇرالغۇسىغا ئېلىپ كىلىپ پەسكەشلىك قىلغان.

  سوتنىڭ قارىشىچە، ئۈچ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئۆسمۈر تەسۋىرلەپ بەرگەن لى جۈن ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغان ئورۇن بىلەن، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ رەسىمى ۋە لى جۈنننىڭ پەسكەشلىك قىلىش تەپسىلاتى بىلەن بىردەك چىققان . ئۇندىن باشقا يەنە ئۈچ نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ئۆسمۈر تەسۋىرلىگەن لى جۈننىڭ تەققى-تۇرىقىمۇ ئوخشاش چىققان .

سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جۈن يەنىلا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلماي ئۆزىنى ئاقلاپ: «قارشى تەرەپ ئېيىتقان ئەھۋال بىلەن ھەقىقى ئەھۋال ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭ، يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرز سۇنۇش ياكى سۇنماسلىقنى مەن يەنە ئويلىشىمەن» دېگەن. ئىلگىرى لى جۈن ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىگىنى، ھەمجىنىسلارغا ئائىت تەكلىپ لايىھەسى تۈزۈش ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى شياسۇ قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى، ھەمجىنىسلارغا ئائىت پاراڭ خاتىرىسى، ئالاقە خاتىرىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، جىنايەت بېكىتىش پاكىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيىتقان.
لىۋەن رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار لى جۈن بالىلارغا قەستەن پەسكەشلىك قىلمىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، قىلمىشى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. جاۋاپكار لى جۈن ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىنىڭ ئاقلاش پىكىرىنىڭ ئاساسى يېتەرلىك بولمىغاچقا سوتتا كۈچكە ئىگە بولمىغاچقا ، لى جۈنگە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.