جۇڭگو شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى مۇلازىمىتى سوممىسى زور نىسبەتتە ئاشتى

0 2013-06-19 11:58:56   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2012 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىسى ۋە خەلق پۇلى سېلىنما ھېسابات كەسپى دائىرىسى 434 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت سوممىسى 31 مىليارد 800مىليون يۈەندىن ئېشىپ، رايونلار ئارا سودىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قۇلايلىقلاشتۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
      چېگرا ھالقىغان سودا ۋە خەلق پۇلى سېلىنما راسچوت كەسپى چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەريانىدا خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرى، ياۋرو ۋە ياپونىيە يېنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى پۇللىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ تۆلەم ھېساباتى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شىنجاڭ كارخانىلىرى خەلق پۇلىنى راسچوت پۇلى سۈپىتىدە چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە مەبلەغ قىلىپ سالسا بولىدۇ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ خەلق پۇلىنى راسچوت پۇلى قىلىپ جۇڭگوغا بىۋاسىتە مەبلەغ سالسا بولىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى بانكىلار چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى تەتقىقات تۈرلىرىنى خەلق پۇلى ئارقىلىق سودا مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە خەلق پۇلى تۈر قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
      2010 - يىلى شىنجاڭ جۇڭگودىكى چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە مەبلەغ خەلق پۇلى راسچوتىنى قانات يايدۇرغان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالدى. شىنجاڭ قوشنا دۆلەتلەرنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەسپىي كۆلىمى ۋە مۇلازىمەت رايونىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەم رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مال سودىسى، مۇلازىملىق سودىسى ۋە پايدىنى يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە چېگرا ھالقىغان سودا خەلق پۇلى راسچوتى كەسپىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئومۇمىي سوممىسى 26 مىليارد 742 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بايلىق ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى.
      ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلىنى راسچوت پۇلى قىلىش ئارقىلىق چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 35 مىليون 950 مىڭ يۈەن بولۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەلق پۇلىنى راسچوت پۇلى قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭغا بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ سوممىسى 4 مىليارد 441 مىليون يۈەن بولغان. بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قوللاش ھەم شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش ۋە خەلق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى. جۇڭگو شىنجاڭ يەنە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سودا بانكىلىرىغا 33 مىليون 610 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قەرز پۇلى تارقىتىپ، چەت ئەللىك مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ جۇڭگودىن تاۋار ئىمپورت قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. بۇندىن باشقا، شىنجاڭغا بېجىرىلگەن ھەر خىل تۈردىكى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت سودىسىدا بېجىرىلگەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك بېسىمىنى ئۈنۈملۈك ھالدا يېنىكلەتتى.
      جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چەت ئەل پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ بانكا ھېساباتى ۋە راسچوت قىلىش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. 2012 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، رۇسىيە ۋە تاجىكىستان قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى 33 بانكىسى جۇڭگو شىنجاڭدىكى 6 سودا بانكىسىدا خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېساباتىنى ئاچتى. سىنگاپور ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق10 دۆلەت ۋە رايوننىڭ كارخانىلىرىمۇ جۇڭگو شىنجاڭغا قاراشلىق بولغان 6 سودا بانكىسىدا غەيرىي ئاھالىلار ئورگىنى خەلق پۇلى ھېساباتىنى ئاچتى.
      جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شياۋليەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بولسا جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ئۈستى ئىستېھكامى. خەلق پۇلى ئارقىلىق راسچوت قىلىنىدىغان چېگرا ھالقىغان كەسىپلەرنىڭ پائال قانات يايدۇرۇلۇشى پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەن نۆۋەتتىكى شارائىتتا جۇڭگو بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سودىنىڭ قۇلايلىقلاشتۇرۇلۇشى، كارخانا پېرېۋوت تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ۋە خەۋپ - خەتەردىن ساقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر