يېقىندا ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى جۇڭگو ئۆسۈملۈك سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش ئورنى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ جۇڭگوغا كۆممىقوناق ئېكسپورت قىلىشىغا ئالاقىدار كېلىشىمنى ئىمزالىدى. مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاشتىن مەقسەت، ئۇكرائىنا كۆممىقونىقىغا قارىتىلغان ئۆسۈملۈك كارانتىن قىلىش تەلىپىنى تەڭشەپ، ئۇكرائىنا كۆممىقونىقىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول ئېچىشتىن ئىبارەت.
ئۇكرائىنادىن جۇڭگوغا كۆممىقوناق ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۇكرائىنانىڭ2012- يىلى 6 - ئايدا ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەرز پۇلى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە مۇددىتى ئىچىدە كۆممىقونىقىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تۈرلىرى قەرز پۇلى كېلىشىمىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن. ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نىكولاي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ كېلىشىم بىزنىڭ كۆممىقوناقنى جۇڭگوغا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېكسپورت قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىزغا كېپىللىك قىلىدۇ.»
2012 - يىلى يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى جۇڭگو ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ئۇكرائىنا دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق گۇرۇھىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆممىقونىقىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇكرائىنا دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق گۇرۇھىنىڭ لىدېرى ئولېگ باخماگيۇك مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئاشلىق ئىستېمال چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاشلىق ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا، جۈملىدىن كۆممىقوناققا نىسبەتەن ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇكرائىنا چەت ئەللەرگە مۇقىم ھالدا 51~10 مىليون توننا كۆممىقوناقنى ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدىكى ئەرزان ۋە ئەلا سۈپەتلىك كۆممىقوناققا نىسبەتەن ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ».
جۇڭگو دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2102 - يىللىق ئاشلىق - پاختا ئىمپورت تاموژنا بېجى نورمىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013 - يىلى كۆممىقوناق ئىمپورت نورمىسى 7 مىليون 200 مىڭ توننا بولغان. ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نىكولاي بۇندىن سەل ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى: جۇڭگو بىلەن ئۇكرائىنا ئىمزالىغان بۇ ئۆسۈملۈك كارانتىن قىلىش كېلىشىمى بويىچە ئۇكرائىنا ھەر يىلى جۇڭگونى 5.2~2 مىليون توننا كۆممىقوناق بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سىللېر كېرمېنكوۋ مۇنداق دېدى: مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى جۇڭگونىڭ كۆممىقوناق ئىمپورت قىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ كۆپخىللاشتۇرىدۇ.
ئۇكرائىنا غايەت زور يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق. نۆۋەتتە، ئۇكرائىنانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان باشقا ھەمكارلىق تۈرلىرىمۇ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. سويا (دادۇر)، قىچا، ئارپا ۋە بۇغداي قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك كارانتىن قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمۇ تەستىقلاندى.
ياپۇنيە پەن-تېخنىكا ئۇچۇرى iPhone 5S دەپ ئاتىلىدىغان ئۇقۇم رەسى...
ئىران سۇرىيەگە 4000 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىش خەۋىرىنى ئىنكار قىلد...
قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن «فرانسۇزچە» سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغا...
تۈركىيەدە دىنىي مەزھەپتىكىلەر بىلەن بىدئەتلەر توقۇنۇشۇپ، ج...
سانجى شەھىرىنىڭ مىئەرگۇ يېزىسىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بې...