تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت، ئاخبارات مەسلىھەتچىسى يىگىن خانىم يېقىندا 10- نۆۋەتلىك شاڭخەي دۇنيا ساياھەت بايلىقى كۆرگەزمىسىدە مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيە ئەلچىخانىسى بۇ يىل ۋەزىيەتكە قارىتا ۋىزا سىياسىتىنى مۇناسىپ تەڭشەيدۇ، يىل ئىچىدە شەخسىي ۋىزا ئېچىۋېتىلىپ، جۇڭگودىكى ئەركىن ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىلىشتىن ئۈمىد بار.
يىگىن خانىم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2- ئايدا، جۇڭگودىن تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، %80 ئاشتى. بۇنىڭغا يەنە بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى قوشقاندا، مەيلى ساياھەتچى مىقدارى، ساياھەتچى تۈرى ياكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرىدە بولسۇن، ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك ھەم پائال ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. تۈركىيە ئەلچىخانىسىمۇ بۇ يىللىق ۋەزىيەتكە قارىتا ۋىزا سىياسىتىنى مۇناسىپ تەڭشەيدۇ.
تۈركىيەنىڭ ھەددى- ھېسابسىز ساياھەت بايلىقىنىڭ جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ گۈزەل ماكانغا ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ قېتىمقى يەرمەنكە تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى ۋە يېڭى كەسىپ ساھەسى ئىزدىشى ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت، ياخشى سۇپا تەمىنلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئىزچىل تۈردە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىي يادىكارلىقلىرى ۋە ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە كېڭەيتىشكە تىرىشتى، بۇنىڭ بىلەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت ۋاكالەتچىلىرى، تاراتقۇ ۋەكىللىرى قاتارلىقلارغا تۈركىيەنىڭ ئۇچۇرى ۋە تونۇشتۇرۇش ماتېرىياللىرى زور دەرىجىدە تەمىنلەندى.
ھازىر، تۈركىيە مەدەنىيە ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جاھاندىكى گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، جۇڭگو قاتارلىق 37 دۆلەتتە ئىشخانا تەسىس قىلدى، يەنە تېخى برازىلىيە، رۇسىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشخانا تەسىس قىلماقچى. ئىشىنىشكە بولىدۇكى يېقىن كەلگۈسىدە، تۈركىيە جاھانغا داڭلىق، مودا ھەمدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلانغۇسى.