پارنىكتا زىيانسىز يېسىۋېلەك ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى

0 2013-05-17 13:04:27   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

پارنىكتا زىيانسىز يېسىۋېلەك ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى

      يېسىۋېلەك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. ئەمما دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە يېسىۋېلەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئېشىپ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا زىيانسىز يېسىۋېلەك ئۆستۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى نۆۋەتتە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك چوڭ ئىشلار بولۇپ قالدى.
      زىيانسىز يېسىۋېلەك ئۆستۈرۈش تەلەپلىرى
      1. يېسىۋېلەك بازىسى ئۈچۈن زەھەرلىك گاز، زەھەرلىك بۇلغانمىلاردىن خالى، زاۋۇت ۋە كاندىن چىققان بۇلغانغان سۇدىن يىراق، مۇنبەت، سۇغۇرۇش شارائىتى ياخشى يەرلەرنى تاللاش كېرەك.
      2. ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈزلۈك يېسىۋېلەك كۆپ ئۆستۈرۈلەتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېسىۋېلەكنى پارنىكتا ئۆستۈرۈپ، بىرقەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.
      زىيانسىز يېسىۋېلەك ئۆستۈرۈشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى
      1. سورت تاللاش
      ئادەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى قىسقا، كېسەلگە چىداملىق، ياخشى كاللەكلىشىدىغان، مەھسۇلاتى يۇقىرى چىلگە سورتلار تاللىنىدۇ.
      2. مايسا يېتىشتۈرۈش
      يېسىۋېلەك مايسىسى پىدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە يېتىشتۈرۈلىدۇ. مايسا يېتىشتۈرۈش توپىسىنى تەييارلاشتا، ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمشاق مۇنبەت ئېتىز توپىسى بىلەن تولۇق چىرىگەن سۈپەتلىك ئورگانىك ئوغۇت :12 نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، توپىنى مايسا يېتىشتۈرۈش خالتىسىغا قاچىلاپ پارنىك ئىچىگە تىزىپ قاندۇرۇپ سۇغۇرۇپ، سۈيى سىڭىپ بولغاندىن كېيىن ئۇرۇق تېرىلىدۇ.  ئۇرۇقنى تېرىشتا ھاۋا ئوچۇق، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ئۆرلىگەن پەيتنى تاللاپ تېرىش كېرەك. ھەربىر خالتىغا 2~1 تال ئۇرۇق تېرىلىدۇ ئۇرۇقنى 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە تېرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇرۇق تېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە بىر قەۋەت سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، ئىسسىقلىق ۋە نەملىك ساقلىنىدۇ.
      3. كۆچۈرۈش ئۇسۇلى
      مايسا پارنىك ئىچىگە كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ھەر مو يەرگە تولۇق چىرىگەن قوي قىغىدىن 3000 كىلوگىرام، توخۇ مايىقىدىن 250 كىلوگىرام بېرىلىپ، 25 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرۇپ تەكشىلىنىدۇ. مايسا ئۆسۈپ 5~ 4 تال يوپۇرماق چىقارغاندا يەنى مايسا 30كۈنلۈك بولغاندا 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا پارنىكقا كۆچۈرۈلىدۇ. قۇر ئارىلىقى 06 سانتىمېتىر، تۈپ ئارىلىقى 30 سانتىمېتىر قىلىنىدۇ. بىر مو پارنىكقا3700تۈپ مايسا كۆچۈرۈلىدۇ.
      4. تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش
      ئۇرۇق تېرىلغاندىن كېيىن پارنىك ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۈندۈزى ℃27~℃25، كېچىسى ℃18~℃15 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. مايسا ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن كۈندۈزى ℃22~℃20، كېچىسى ℃15~℃13 تا كونترول قىلىنىدۇ. پارنىك ئىچىگە مايسا كۆچۈرۈشتىن 5~4 كۈن ئاۋۋال تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چېنىقتۇرۇپ، كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20~℃18، كېچىسى ℃10℃13 تا كونترول قىلىنىدۇ. پارنىك ئىچىگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېمپېراتۇرا بولسا كۈندۈزى℃25~℃20 تا، كېچىسى 15~℃13 تا كونترول قىلىنىدۇ.
      5. پەرۋىشى
      يېسىۋېلەك مايسىسى 8~7 تال يوپۇرماق چىقىرىپ كاللەكلىشىشتىن ئاۋۋال ئۈچىنچى قېتىملىق سۈيىگە بىرلەشتۈرۈپ پاتقاق گازى چىرىندا سۇيۇقلۇقى ئوغۇت قىلىپ بېرىلىدۇ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت يېسىۋېلەكنىڭ كاللەكلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يېسىۋېلەك كاللەكلىشىشكە باشلىغاندا پاتقاق گازى چىرىندا سۇيۇقلۇقى داۋاملىق قوشۇمچە ئوغۇت قىلىپ بېرىلىدۇ. يېسىۋېلەك تېرىلغاندىن تارتىپ يىغىۋېلىنغىچە 7~ 6 قېتىم سۇغۇرۇلىدۇ. بىرىنچى قېتىم كولتىۋاتسىيە قىلىش يېسىۋېلەك 7~ 6 تال يوپۇرماق چىقارغاندا، ئىككىنچى قېتىملىق كولتىۋاتسىيە قىلىش كاللەكلىشىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
      دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
      1. پارنىكقا مايسا كۆچۈرۈشتىن ئاۋۋال تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چېنىقتۇرۇش كېرەك.
      2. ئەتىياز يەنى 4 - ئاي مەزگىلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا يېسىۋېلەك مايسىلىرىنىڭ يارۇزاتسىيەلىك رولىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا پارنىك ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 13 تىن تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك كېرەك.
      3. مەھسۇلاتنى يىغىۋېلىش: ئەتىيازلىق يېسىۋېلەكنى 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ بېشىغىچە يىغىۋېلىش كېرەك. چىلگە سورتلارنىڭ كاللىكىنى قول بىلەن باسقاندا قاتتىق بىلىنگەندە بىر ياقتىن يىغىپ بىر ياقتىن بازارغا سالسا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر