جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى توغرىسىدا قىسقىچە ئانالىز

0 2013-05-17 13:02:03   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تىپىك يېزا ئىگىلىك - چارۋىچىلىق دۆلەتلىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىداش، ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامى، ئېلىمىزنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا مەسىلىلەر ساقلانماقتا. شۇڭا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قانداق قىلىپ سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
      بىرىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
      1. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، تېخنىكىسى قالاق
      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ  بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن. مەسىلەن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى بولغان قازاقىستاننىڭ مو بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، مول ھوسۇل ئېلىنغان يىللىرى 87كىلوگىرام بولدى. ھالبۇكى، قازاقىستانغا قوشنا بولغان، شۇنداقلا جۇغراپىيە، كىلىمات، تۇپراق شەرت - شارائىتى قازاقىستاننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدا بولسا مو بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 120 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ مو بېشىغا توغرا كېلىدىغان كېۋەز مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭكىدىن تۆۋەن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ ياخشى كېۋەز سورتى «بۇخارا - 6»ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككىنچى دەرىجىلىك سەۋىيەدە تۇرىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئۆزبېكىستاننىڭكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %50~%30 ۋە %30 يۇقىرى.
      ئاشلىق بىرلىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سورتىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ قالاق بولۇشى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئەلا سورتلۇق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلىرى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ئىنتايىن قالاق بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن بىر بوشلۇق دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: قىرغىزىستاننىڭ ھەر يىلى تېرىلىدىغان بۇغداي ئۇرۇقلىرى ئالدىنقى يىلىدىكى تاۋار بۇغدايلار ئارىسىدىن تاللىۋېلىنغان، تاجىكىستاننىڭمۇ كېۋەز سورتلىرى سۈپىتى ئۆلچەمگە ماس كەلمەيدۇ.
      2. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كونىراپ كەتكەن
      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېزا ئىگىلىكىدە تا ھازىرغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى كوپىراتىپ ئەندىزىسىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، يەر مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئومۇميۈزلۈك كونىراپ كەتكەچكە، تېزدىن يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۆزبېكىستاننىڭ يۇڭ قىرقىش ماشىنىسى كونىراپ كەتكەنلىكتىن، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ يۇڭ چىقىش ئۈنۈمى تەخمىنەن %32 كە چۈشۈپ قالدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇڭ چىقىش ئۈنۈمى %35 دىن تۆۋەن. ئۆزبېكىستاننىڭ ماي تارتىش ئۈسكۈنىلىرى كونىراپ كەتكەچكە، چىگىتتىن ماي تارتىش ئۈنۈمى %15~%10بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىچە ماي تارتىش ئۈنۈمى%23 دىن كۆپ تۆۋەن. تاجىكىستاندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز، بولۇپمۇ پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىنتايىن كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈسكۈنىلەر ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ كەتكەن بولۇپ، ۋاقتىدا رېمونت قىلىشقا ئېتىبار بېرىلمىگەن.
      3. سۇغۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى يېتەرسىز
      ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز بولۇپ، ئاساسلىق سۇغۇرۇش مەنبەسى سىر دەرياسى ۋە ئامۇ دەرياسىدۇر. بۇ ئىككى دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان يەر ئۈستى سۇ مەنبەسىنىڭ 3/2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئىككى دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بولسا يەر ئۈستى سۇ مەنبەسىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سۇ مۇھىتى ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرىنچىدىن سۇ بايلىقى چەكلىك، ئىككىنچىدىن سۇغۇرۇش سىستېمىسى كەمچىل.
      قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن سۇغۇرۇش سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. سۇ بايلىقى مول بولغان قىرغىزىستاننىڭ سۇغۇرۇش سىستېمىسىمۇ بىرقەدەر قالاق بولۇپ، سۇ توپلاش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدارى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا سېلىنىدىغان مەبلەغمۇ يېتەرلىك ئەمەس. نۆۋەتتە ئاساسلىقى دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىك ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە قەرز پۇلىغا تايىنىپ بۇ سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
      ئىككىنچى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق
      1. پاختا سودىسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى
      جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ پاختا ئىستېمال دۆلىتى. پاختا ئېلىمىز ئىمپورتىدىكى مەخسۇس كونترول قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پاختا سودىسى ئاساسلىقى جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پاختا سودىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىز بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پاختا ئىمپورت سوممىسى ئومۇمىي ئىمپورت سوممىسىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو ئاللىقاچان ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىمپورت دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېلىمىز بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پاختا سودىسى ۋاسىتىلىق سودا تىپىغا تەۋە بولۇپ، كۆپ قىسمى ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆتەڭ سودىسىدۇر.
      2. ئاشلىق سودىسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى
       قازاقىستان دۇنيادىكى ئاشلىق ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى، جۇڭگو بولسا ئاشلىق ئىمپورت چوڭ دۆلىتى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇنجى قېتىم ئېلىمىز بىلەن ئاشلىق ئېكسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىدى ھەمدە كېلىشىم بويىچە 3 مىليون توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىندى، 2010 - يىلى 20مىڭ توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قازاقىستان يەنە جۇڭگو ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئاشلىق ئېكسپورت قىلدى. 2011 - يىلى قازاقىستان ئېلىمىز بىلەن ئاشلىق تۆمۈريول تىرانسىپورتى مەخسۇس لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى. بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز بىلەن قازاقىستاننىڭ ئاشلىق سودىسىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى.
      3. دورا ماتېرىياللىرى سودىسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى
      ئېلىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن پاختا ۋە بۇغدايدىن باشقا، يەنە دورا ماتېرىياللىرىنىمۇ ئىمپورت قىلىدۇ. تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى چۈچۈكبۇيا چىقىدىغان جاي بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى2500-3000 توننىغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزمۇ دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چۈچۈكبۇيا مەھسۇلات مىقدارى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركمەنىستاندىن چۈچۈكبۇيا ئىمپورت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
      4. كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە سودىسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى
      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئېگىز ھەم سوغۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە تۈرلىرى چەكلىك بولغاچقا، ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، شۇڭا زور مىقداردا ئىمپورت قىلىش زۆرۈر بولماقتا. قازاقىستاننى مىسالغا ئالساق، قازاقىستاندا پەقەت ئالما، ئۈزۈم، ئانار، تاۋۇز، ھالۋابىدىت قاتارلىق بىرنەچچە خىللا مېۋە بار، بۇ مېۋىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. قازاقىستاننىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئاران %34.3 ىنى قاندۇرالايدۇ، %60 ىدىن كۆپرەكىنى ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق قاندۇرغىلى بولىدۇ.
     

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر