قازاقىستان ئىمپورت - ئېكسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە
قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كۆپ تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئالاقە، تاشقى سودا ۋە ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، شۇنداقلا جۇڭگو، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بەس -بەستە قازاقىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەمدە ئۆزئارا تاشقى سودا ۋە ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. قازاقىستان خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاشقى سودىمۇ تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. ئېنىق بولمىغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە قازاقىستان 116 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، 180 دۆلەت بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلگەن.
بىرىنچى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى
قازاقىستان ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەرەققىياتى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. قازاقىستاننىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ 2007 - يىلىغىچە قازاقىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 424 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 80 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئارتىپ 32.25 ھەسسە ئاشقان. بۇ مەزگىلدە ئايرىم يىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن دېگۈدەك تۈز سىزىقلىق ئېشىش كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ 1999 - يىلىدىن كېيىن مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
ئىككىنچى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى شېرىكلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى
قازاقىستان ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولمىغاچقا، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە قوشنا دۆلەتلەر ئارقىلىق مال ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشقا توغرا كەلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قازاقىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبلىك بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ئەينى ۋاقىتتا، قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى جۇڭگو شىنجاڭ ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار ئىدى. بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى (كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، پىۋا ئىچىملىكلىرى ۋە كۆممىقوناق يەم - خەشىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا نىسبەتەن ئېھتىياجىنى ئامالنىڭ بېرىچە تولۇق قاندۇردى، بۇ جەرياندا ھەتتا ئۇلارنىڭ تۆلەم ئىقتىدارىنىمۇ ئويلاشمىدى. نەتىجىدە شىنجاڭ چېگرا سودا شىركەتلىرىنىڭ تاشقى سودا ئاكتىپ بالانسى بىر مەزگىل 80 مىليون شىۋېيتسارىيە فىرانكىغا يەتتى. ئارقىدىنلا تۈركىيە، ياپونىيە، كورېيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قازاقىستان بازىرىغا كىردى. بۇ دۆلەت نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىجارەتچىلىرى توپلىشىدىغان جايغا ئايلاندى.
نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ سودا شېرىكلىرى پۈتكۈل ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارالدى. بۇ سودا شېرىكلىرى ئىچىدە سودا سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بەش دۆلەت رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، جۇڭگو، ئىتالىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە فىرانسىيەدىن ئىبارەت. بۇندىن باشقا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئۇكرائىنا، ئىران، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا سوممىسىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى قازاقىستان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۈچىنچى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى
قازاقىستان مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىقتىسادىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، تاۋارلار ئېغىر دەرىجىدە قىس بولدى، مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، پۇل پاخاللاشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىراقلا ناچارلىشىپ، نارازىلىق كەيپىياتى كۈنسېرى كۈچەيدى. ئەينى ۋاقىتتا، قازاقىستاننىڭ ئىمپورت تاۋارلىرى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلمە توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، يېنىك سانائەت يېمەكلىكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئېكسپورت تاۋارلىرى بولسا ئېغىر سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پولات ماتېرىياللىرى، خىمىيەلىك ئوغۇت، تۆمۈر رۇدىسى، رەڭلىك مېتال ۋە تاشلاندۇق پولات - تۆمۈر، تاشلاندۇق مىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، شۇنداقلا خەلقئارا بازارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاشلىق، كۆمۈر، خام نېفىت، تەييار نېفىت، ساپ پاختا، مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىقلار زور تۈركۈمدە ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىدى؛ سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۆسۈملۈك مېيى، ساپ شېكەر، تېلېۋىزور قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى ۋە پىكاپ قاتارلىقلار تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىنىشقا باشلىدى.
تۆتىنچى، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرى نىسبىتى كۈنسېرى مۇۋاپىقلاشتى
تاشقى سودا تىجارىتى جەريانىدا، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ نىسبىتى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە ئاھالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. قازاقىستان بايلىق تىپىدىكى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر زور تۈركۈمدە مەبلەغ سالغاچقا، نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى. بۇ خىل ئەھۋال قېزىلما بايلىقلار ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ نىسبەتنىڭ ئېشىشى يەنە قازاقىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولۇشتەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
قازاقىستاننىڭ ئىمپورت سودىسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغىنى ماشىنا ۋە ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ، 2000 - يىلى، 2006 - يىلى ۋە 2007 - يىلىدىن ئىبارەت ئۈچ يىلدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %42.3%39.6ۋە %37.5 نىسبەتنى ئىگىلىدى. ئۇندىن قالسا، تىرانسىپورت قوراللىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ يىلدا %6.9%18.7 ۋە %22.4نىسبەتنى ئىگىلىدى. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، سۇلياۋ، كاۋچۇك ۋە باشقا بۇيۇملار بولۇپ، بۇ ئۈچ يىلدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %13.5%12.1 ۋە %11.8 نىسبەتنى ئىگىلىدى. بۇ قازاقىستاننىڭ ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائەت، سۇلياۋ ۋە كاۋچۇك سانائىتىنىڭ يەنىلا ئاجىز ھالقا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مانا بۇ بىز مەزكۇر دۆلەت بىلەن ئېكسپورت سودىسى ئېلىپ بارغاندا ئالاھىدە ئويلىشىشقا ۋە ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىدۇر.
بەشىنچى، ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى كۈنسېرى ئاشتى
قازاقىستان مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلقئارا سودا مۇناسىۋىتىنى ئورناتمىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق مەركىزىگە جايلىشىپ، دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەم جۇڭگو شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك دائىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا مىقدارىمۇ كۆپ بولمىدى. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قوشنا دۆلەتلەر ئارا توشۇش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن سىرتقى دۆلەتلەر بىلەن ئورنىتىلغان سودا مۇناسىۋىتى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىدى، بۇ دۆلەتلەر ئارا سودا سوممىسىمۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر ئارا سودا سوممىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. بۇ بىر قېتىملىق زور سەكرەپ ئىلگىرىلەش بولۇپ، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت كىچىك دۇنيادىن پۈتۈنلەي چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىسى روشەنكى، پۈتۈن دۇنيادىكى233دۆلەت ۋە رايون مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە بايلىقى جەھەتتە بولسۇن، ئاران 11 دۆلەتتىن تەشكىل قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.