قازاقىستاننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تەدبىرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

0 2013-04-01 12:42:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

(جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، 830011)      جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارىدىكى تۈرلۈك ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا سىجىل تەرەققىيات تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى. يەر شارىدىكى مول ۋە كۆپ خىل ھاياتلىقلار ئىنسانىيەت ۋە تۈرلۈك جانلىقلار ياشايدىغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ. جانلىقلار كۆپ خىللاشقان مۇھىت تەبىئىي ئاپەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ، ئەمما ئىنسانلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ئەسلىگە كېلىشى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، ھەتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشمۇ مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى، كىلىماتى ۋە سۇ رايى ئەھۋالى قوشنا دۆلەت قازاقىستاننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، قازاقىستاندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى ۋە قازاقىستاننىڭ قوغداش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
      بىرىنچى، قازاقىستاندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى
      ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى بىلەن شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، ئالاھىدە يەر شەكلى، كىلىماتى ۋە سۇ رايى مۇھىتى قازاقىستاندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان زېمىنىدا 800 خىلدىن كۆپرەك ياۋايى ھايۋانات بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار (قوڭۇر ئېيىق، ياۋا ئاق توشقان، بوز توشقان، تۈلكە، ئاق سۆسەر، بۆرە، بۇغا، قانداغاي، سېرىق بۆرە، يالمانتاقتاق، ئاق ئاغمىخان، بۆكەن، ئوتلاق سۇغۇرى، قۇملۇق چاشقىنى، كىرپە، ياۋا توشقان، سۈلەيسۈن، قارا بۇلغۇن، ئىپار كېيىك، تايغان بۇغا، ئوتلاق ياۋا مۆشۈكى، چىل بۆرە قاتارلىقلار) 150 خىلدىن ئاشىدىكەن، قۇشلار(قىزىل پاچاق لاچىن، ئىتالغا، بۈركۈت، ياۋا ئۆردەك، بوز تورغاي، سېرىق بۈركۈت، دېڭىز بۈركۈتى، تۆمۈر تۇمشۇق، سېرىق چۇمچۇق، سوپىسوپىياڭ، قارىغاي قۇچقىچى، تۇرنا، ئۇزۇن پۇتلۇق تاجلىق چىپار قۇتان، قارنا، قۇر قاتارلىقلار) 485 خىلغا يېتىدىكەن، بېلىق تۈرىدىكىلەر (كاسپى دېڭىزى ئاتسىپېنسېر بېلىقى، پارقىراق ئاتسىپېنسېر بېلىقى، كىچىك ئاتسىپېنسېر بېلىقى، ياۋروپا ئوستېر بېلىقى، سېلد بېلىقى، شىمال ئاق سالمون بېلىقى، ئامور سوم بېلىقى، لۇتسىئۇپېركا بېلىقى، ئىتبېلىق، ئالا بۇغا بېلىقى، چىپار ئوكۇن، لوتا، سازان بېلىقسىمانلار، بايقال لېئوتسىسكۇس بېلىقى قاتارلىقلار) مۇ 150 خىلدىن ئاشىدىكەن؛ ئۆمىلىگۈچى ھايۋاناتلاردىن يەنە تاشپاقا، پاتمىچۇق، كەسلەنچۈك، يۈگۈرۈك كەسلەنچۈكسىمانلار، يىلان قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇندىن باشقا، قازاقىستاندىكى ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى 4700 خىلدىن كۆپكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دەرەخ غوللۇق (ئاق قېيىن دەرىخى، قارىغاي، ئاق تېرەك، سۆگەت، ھىمالايا كېدرى، ئۆرۈك دەرىخى، تاغ تېرىكى، شەمشاد، دۇب دەرىخى، قارىغان، گۈلچىمەن، تېۋىلغا، جىغان قاتارلىقلار)ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر (سىلو، تىپچاق، چىلگە دانلىق زىرائەت، چۆل يالپۇزى، ئۈچقۇلاق، بېدە، يېپىشقاق ئوت قاتارلىقلار)ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن، دورا ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىن چۇپۇرشاڭ، مىڭدىۋانە، سېرىقچاي، ياۋا سۇلۇ، سۆكسۆك، ئەمەن، قومۇش، بابۇنە، يالپۇز، قارا بۇيا قاتارلىقلار كۆپكەن. بۇنداق مول ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقى قازاقىستان خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شەرت - شارائىت يارىتىپ بەردى.
      قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2003 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستاندا ئالاھىدە تەبىئىي قوغداش رايونىدىن 25 ى قۇرۇلدى، بۇ ئالاھىدە تەبىئىي قوغداش رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 978 مىڭ900 گېكتارغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئورمانلىق كۆلىمى 686 مىڭ 500 گېكتار بولۇپ، ئالاھىدە تەبىئىي قوغداش رايونلىرى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %32 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سۇ مەنبەسى كۆلىمى 310 مىڭ 400 گېكتار بولۇپ، ئالاھىدە تەبىئىي قوغداش رايونلىرى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %10.4 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش رايونىدىن 9 ى، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي باغچىدىن 01 ى بار. ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى ئالاھىدە تەبىئىي قوغداش رايونى بىلەن تەبىئىي باغچىلارنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 3/1 ىنى ئىگىلەيدۇ.
      ئىككىنچى، قازاقىستاندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
      1. ئورمانلىقتىكى دەل - دەرەخلەر قالايمىقان كېسىلمەكتە
      نۆۋەتتە، قازاقىستان زېمىنىدا ئورمانلىق ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى مەھسۇلات مىقدارى دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، باھاسىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى، كۆپ مىقداردىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى ئاساسەن رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنماقتا. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىر قىسىم كىشىلەر ھەددى - ھېسابسىز پايدا ئېلىش ئۈچۈن، دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىشكە باشلىدى. تەبىئەتنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە ئادەتتىكى ئاھالىلار يىلسېرى كۆپەيمەكتە.
      2. ئوغرىلىقچە ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئەۋج ئالماقتا
      بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پەقەت دەرىجىسىلا ئوخشىمايدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئازىراق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ مەسىلىگە ئېتىبارسىز قاراشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاز كۈچ بىلەن يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.
      ئۈچىنچى، قازاقىستاننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى
      1. ئورمان قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش      قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنىدا دۆلەتنىڭ ئورمان بايلىقىنى ئاسراش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، شۇنداقلا ئورمان بايلىقىنى قايتا ھاسىل قىلىش ۋە ئورمان بىنا قىلىش پىرىنسىپى ھەم ئۇسۇلى، دۆلەتنىڭ ئورمان بايلىقىدىن پايدىلىنىش ھەق ئۆلچىمى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. بۇندىن باشقا، يەنە ئورمان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىمۇ كونكرېت كۆرسىتىلگەن.
       2. ھايۋاناتلارنى قوغداش قانۇنى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش
      ھايۋاناتلارنى قوغداش قانۇنى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قازاقىستاندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئىككى قانۇننىڭ قاپلىنىش كۆلىمى ئورمان قانۇنىغا قارىغاندا كەڭ بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنىي مەسىلىلەرنى يۇقىرىقى ئىككى قانۇن رامكىسى ئىچىدە تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
      3. مۇھىت ئاسراش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش
      ئۇزۇن مۇددەت مۇھىت ئاسراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاھالىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئاساستا ئورمانچىلىق رايونىدىكى ئاھالىلارنى ئورمان ئاسراپ، قالايمىقان دەرەخ كېسىش جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن كۆرەش قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشقا بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، قالايمىقان دەرەخ كەسكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئورمانچىلىق رايونى ۋە شۇ ئەتراپتا تۇرىدىغان ئاھالىلار بولۇپ، ئۇلار «تاغقا تايان، باغقا بارساڭ باغقا (تايان)» دېگەن ئىدىيە ۋە ئادەتنى قوبۇل قىلغان. بۇ خىل ئەھۋالنى تارىخىي شەرت - شارائىت شەكىللەندۈرگەن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات - تەربىيەگە تايىنىپ، ئىككى تەرەپتىن بىردەك قول سالغاندىلا، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
      4. ئورمان ئېكىنچىلىقى ۋە ئورمان قوغداش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش
      قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، دۆلەت ئورمانچىلىق رايونىدىكى ئاھالىلارغا ياشاش يولىنى ئېچىپ بېرىشى، ئاھالىلارنى دەرەخ كېسىشتىن باشقا تۇرمۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئالايلۇق، ئورمان ئېكىنچىلىقى ۋە ئورمان قوغداش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئورمان ئېكىنچىلىقى ۋە ئورمان قوغداش كەسىپلىرى كىرىمى دەرەخ كېسىش ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان كىرىمدىن خېلى يۇقىرى بولغان چاغدىلا، قالايمىقان دەرەخ كېسىدىغانلار قالمايدۇ.
  

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر