پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا مۇساپىرلار لاگىرىدا تۇقۇنۇش يۈز بىرىپ 1 ئادەم قازا قىلىپ 2 ئادەم يارلانغان

0 2013-03-13 11:52:59   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    شىنخۇا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گازادىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى : پەلەستىن داۋالاش تارماقلىرىنىڭ 12-چىسلادىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى شۇ كۈنى ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگىرىدا تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن بۇلۇپ 1 نەپەر پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، 2 نەپەر پەلەستىنلىك يارلانغان.

    پەلەستىن داۋالاش تارمىقىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى سىبىلىننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر پەلەستىن مۇساپىرلار لاگىرىغا كىرىپ، يەرلىكتىكى خەلىق بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى، ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى، نەتىجىدە 25 ياشلىق پەلەستىنلىك ياشنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يەنە 2 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ يارلانغانلىقىنى ئېيتقان.

    ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بۇ مۇساپىرلار لاگىرىغا كىرگەندىن كىيىن پەلەستىن ياشلىرىنىڭ بىنزىن بومبىسى ۋە تاشلارنى ئېتىشى ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغانلىقتىن ئۇلار ئوق چىقىرىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، شۇ سەۋەبتىن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ-يارلىنىش ئەھۋالى كىلىپ چىققان.

  ئالدىنقى كۈنى، پەلەستىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش پائالىيىتى توختىماستىن ئېلىپ بېرىلغان، نامايىشچىلار ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە ئاچلىق ئېلان قىلغان پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان خادىمغا مەنىۋى جەھەتتىن مەدەت بەرگەن. ئىسرائىلىيە تەرەپ پەلەستىندە يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك " خەلىق قوزغىلىڭى " پارتىلىشىدىن ئەنسىرەپ، پەلەستىن مىللىي ھۇقۇق ئورگانلىرىدىن ۋەزىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博