قازاقىستان قىممىتى 25 مىڭ تەڭگىلىك قەغەز پۇل تارقىتىشنى ئويلاشماقتا

0 2012-10-11 11:58:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قازاقىستان پۇل بېسىش زاۋۇتىنىڭ دىرېكتورى رومارت قارىمۇراتوۋنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە قىممىتى 25 مىڭ تەڭگىلىك قەغەز پۇل تارقىتىش ئېھتىماللىقى چوڭكەن. خەلقئارادا پۇل يۈزىدىكى قىممەتنى ھېسابلاشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى بار بولۇپ، بىر دۆلەت پۇلىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى مەزكۇر دۆلەت ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر بولۇشى كېرەككەن. نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى 50 مىڭ تەڭگە بولغاچقا، كېيىنكى بىر يۈرۈش قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى 25 مىڭ تەڭگە بولۇشى كېرەككەن.
      قارىمۇراتوۋ مۇنداق دېدى: »يۇقىرىدا ئېيتىلغان قائىدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان قائىدىمۇ ئەمەس. مەسىلەن، ئامېرىكا قەغەز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 100 ئامېرىكا دوللىرى. بۇنىڭ سەۋەبى، پۇلنىڭ قىممىتى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى ساختا پۇللارمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ. جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ھەمىشە چوڭ قىممەتلىك پۇل ئارقىلىق سودا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئەنگىلىيەدە چوڭ قىممەتلىك پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ مۇشۇنداق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى ھەر 5~7 يىلدا بىر قېتىم پۇل شەكلى لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى«.
      قازاقىستان پۇلىدا بىرنەچچە خىل ساختىلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىلغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.
      قارىمۇراتوۋ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر خىل يېڭى نۇسخىدىكى پۇلنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن توپتوغرا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ يىل قازاقىستان پۇل بېسىش زاۋۇتى ئۈچ خىل خاتىرە پۇلنى بېسىپ تارقاتتى. بۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسىيا قىشلىق تەنتەربىيە يىغىنى خاتىرە پۇلى، مۇستەقىللىقنىڭ 20 يىللىقى خاتىرە پۇلى، قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلەتلىكىگە تەيىنلىنىش خاتىرە پۇلىدىن ئىبارەت.
      نۆۋەتتە، قازاقىستاندا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنىڭ قىممىتى 200 تەڭگە، 500 تەڭگە، 1000 تەڭگە، 2000 تەڭگە، 5000 تەڭگە ۋە 10000 تەڭگەدىن ئىبارەت ئالتە خىل.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر