دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىرقەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2011 - يىلى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رەت تەرتىپىدە قازاقىستان 24 - ئورۇندا تۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 9600 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىگىلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، جۈملىدىن پوچتا، تېلېگراف ۋە خەۋەرلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېمىسى قازاقىستان ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئېشىش مۇقتىسىغا ئايلاندى.
قازاقىستاننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش سالمىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ خەۋەرنى قازاقىستان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى سۇلتانجان ئەھمەدوۋ 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىشى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغانىدى.
سۇلتانجان ئەھمەدوۋ يىغىندا مۇنداق دېگەنىدى2012 : - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، قازاقىستاندىكى بارلىق ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش تۈرلىرى ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىغا كىرگۈزۈلىدۇ. قازاقىستان مالىيە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ خەۋەرنى ئاللىقاچان سىرت قا ئېلان قىلغانىدى. شۇڭا شىركىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى ئابونتلىرىمىزنى قانداق قىلىپ تېز ھەم ئۈنۈملۈك تەربىيەلەپ، يۇمشاق دېتال قوراللىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىنى قوللىنالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى 2011 - يىلى 10 - ئايدا ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش كۇرسىنىڭ توردىكى مۇھاكىمە دەرسخانىسى ئېچىلدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى ئاخبارات مۇلازىمىتى تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش كۇرسىدا تەربىيەلەنگۈچىلەر 100 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن، كۇرسقا قاتنىشىش دەرىجىسى بىرقەدەر جانلانغان رايونلار ئاساسلىقى شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى، ئاستانە، كوستارىكا ۋە قاراغاندادىن ئىبارەت؛ كۇرسقا قاتناشقۇچىلاردىن ئەڭ ئاكتىپ بولغىنى قازاقىستان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ توردىكى دەرسخانىغا قاتناشقان قالغان %20 ئادەم ئاساسلىقى شىركەت ۋەكىللىرىدۇر.
ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى تېخنىكا جەھەتتە قوللاش بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى يېۋگىنېي گاركوشنانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توردىكى دەرسخانىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ %65 ى ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش سىستېمىسىنىڭ رامكىسىغا كىرىشنى خالايدۇ، %15 قاتناشقۇچى بۇ قارارنى قوللاشتا ئىككىلىنىپ قالدى، %20 قاتناشقۇچى بىر تۇتاش رامكىغا كىرىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ھازىرچە باشلىغىنى يوق. شىركەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەييارلىق ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈركەن.
ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مۇنداق دېدى: »ئىلگىرى شىركىتىمىز پەقەت تەرەققىي قىلغان رايونلاردىلا، مەسىلەن ئالمۇتا ۋە ئاستانەدىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىلا تور دەرسخانىسىنى ئاچقانىدى، ھازىر بولسا بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئابونتلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئاللىقاچان چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان شەرت بولۇپ قالدى، بۇ مەسىلە تور ئارقىلىق ھەل قىلىندى«.
قازاقىستاندا ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىشىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرۇشنى قازاقىستان مالىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى خېلى بۇرۇنلا 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى مال سېتىۋالغاندا پەقەت ئېلېكتىرون شەكلىدىكى باھا مەلۇمات جەدىۋىلى )بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىشىنىڭ ئەڭ ئاددىي ۋاسىتىسى بولۇپ، خېرىدار چىقىشقا قاتناشقۇچىلارنى بېكىتىش ئۆلچىمى دەل مۇشۇ يوشۇرۇن تەمىنلەش سودىگەرلىرى تەمىنلىگەن مال، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسىدۇر( نىلا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ جاكارلىغانىدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ پىلاننى يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت خامچوت مەبلىغىنى تېجەپ، ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىشىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىش جەريانىدا »شېرىنكانە« بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، مال سېتىۋېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
ھەمبەھىرلىنىڭ