يېقىندا، شىنجاڭ دۇرات چېگرا پورتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لياڭ شۇنخۇا مۇنۇلارنى ئېيتتى: شىركەتنىڭ 2011 - يىلىدىكى ئېكسپورت ۋەزىيىتى 2010 - يىلىدىكىگە يەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، زاۋۇت رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.
مۇخبىرلار زىيارەت جەريانىدا مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدى: نۇرغۇن شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى 2011 - يىلىدىكى تاشقى سودا ئېكسپورتى تىلغا ئېلىنسا، بىردەك ھالدا رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ پايدىسىز تەسىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە شۇنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇكى، ئۇزاق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتقاندا، رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپ - خەتىرىگە چەكسىز سودا پۇرسىتى يوشۇرۇنغان.
ئىلى ئوبلاستى تاشقى سودا ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار كەسپىي خادىملارنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى »كۈل رەڭ تاموژنا مەلۇماتى« غا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىمپورت ماللىرىنى يەككە تۈر بويىچە قاچىلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە تاموژنا بېجىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆرلىشى شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولماقتا. بۇ تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، كۆپ خىل تاۋارلارنىڭ تاموژنا بېجى نىسبىتى يۇقىرىلىغان بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى %~20%15، كۆپ مىقدارلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى بۇ دائىرە ئىچىدە؛ ئىككىنچىدىن، ساياھەتلىك مال سېتىۋېلىش سودىسى ئېكسپورتىدا ئاپتوموبىل كۆتۈرە ئېلىش ۋە باجنى ھۆددىگە ئېلىش خىراجىتى زور دەرىجىدە ئارتىپ كەتتى، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ خىراجىتى 2011 - يىلىغا كەلگەندە 2010 - يىلىدىكى 18 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 27 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئاشتى، كارخانا تەننەرخىنىڭ ئېشىشى جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ باھا ئەۋزەللىكىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، رىقابەت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ ئىمپورت ماللىرىنى يەككە تۈر بويىچە قاچىلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاۋاتقان تاموژنا بېجى نىسبىتى ۋە ئوتتۇرىچە تولۇقلاپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %100 تىن ئارتىپ، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، تۈرلۈك ماللار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرى ھەم ساياھەتلىك مال سېتىۋېلىش سودا شەكلى ئارقىلىق رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ئېكسپورت سودىسىنى ئازايتىۋەتتى. 2011 - يىلى 5 - ئايدىن بۇيان قازاقىستان ۋە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېكسپورت ئىزچىل ھالدا تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى. قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودىسىنى ئالساق، 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا قازاقىستاننىڭ ئېكسپورت سوممىسى 1مىليارد 74 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %26 تۆۋەنلەپ كەتتى، ئېكسپورت سوممىسى 2011 - يىلىنىڭ دەسلىپىدىكى %62.1 تىن تۆۋەنلەپ %52 كە چۈشۈپ قالدى، ئىگىلىگەن ئۈلۈشى 10.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىدى؛ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېكسپورت سوممىسى 24 مىليون 570 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.6 تۆۋەنلەپ كەتتى.
بىراق يەنە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، خەۋپ - خەتەر ئىچىگە سودا پۇرسىتىمۇ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىل ئانالىز ئېلىپ باردى. ئۇلار بىردەك ھالدا مۇنداق دەپ قارايدۇ: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەريانىدا شەك - شۈبھىسىزكى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ. رۇسىيە، بېلورۇسسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى تۆۋەندىكى جەھەتتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ: جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قازاقىستان بازىرىغا كىرىشى رۇسىيە ۋە بېلورۇسسىيە بازىرىغا كىرگەنلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 16 مىليون نوپۇسقا ئىگە بازارنىڭ 168 مىليون نوپۇسلۇق بازارغا كېڭەيگەنلىكىنى، يەنى بازار كېڭىيىش نىسبىتىنىڭ 10 ھەسسىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى قازاقىستان ئارقىلىق قۇرۇقلۇق يولى بىلەن تېخىمۇ چوڭ خەلقئارا بازار − ياۋروپاغا توشۇغىلى بولىدۇ. بۇ شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنى زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ئەنگىلىيە دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىدىكىل...
1957-يىلدىكى ۋىسكى ھارىقى كىم ئاشتى قىلىنىپ سېتىلىدىكەن باھاس...
بىكخامنىڭ 10 ياشلىق ئوغلى بەدىنىگە دادىسىغا ئوخشاش گۈل چەكتۈ...
پاكىستاندىكى 14ياشلىق بالىلار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ق...
2012-يىللىق بيېجىڭ كەسپى تاشيول ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىق...