ھەممىگە مەلۇمكى، ئەگەر بىر دۆلەت خام ماتېرىيال ئېكسپورتىدا زور كىرىمگە ئېرىشەلىسە، ئۇ ھالدا بۇ دۆلەتنىڭ، جۈملىدىن قىسمەن ئىقتىسادىي ساھەلىرىنىڭ يېڭى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولمايدۇ. ھالبۇكى، تەبىئىي بايلىق مەنبەسى ئاز ياكى كەمچىل دۆلەتلەر بولسا باشتىن - ئاخىر يېڭى ئىقتىسادىي ساھەنى ئېچىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. شۇڭا تەبىئىي بايلىقى مول دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قالاق ھالەتتە تۇرۇپ قېلىشى مۇقەررەر ئەھۋال. قازاقىستان رەھبەرلىرى بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك.
مول تەبىئىي بايلىق مەنبەسى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپچانلىقىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى مۇھىتقا قارىتا تاقابىلچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دۇنياۋى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەبىئىي بايلىقى مول بولغان بىر قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ مۇقىم گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خەلقئارا خام ماتېرىيال بازارلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
قازاقىستاننى ئالساق، يەر شارىلىشىش ۋەزىيىتىدە، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خام ماتېرىيالنى ئاساسىي يېتەكچى قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، ئىچكى قىسىمدىكى تەرتىپكە سېلىش سالمىقى ئاجىز بولۇش، ئىستېمال ئېھتىياجى تۆۋەنلەش، ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرى ۋە كارخانا تېخنولوگىيەسى قالاق بولۇش، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچىقىرىش باغلاشماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىي گەۋدىسى تەرىپىدىن خەلقئارا بازارنى نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال، كەم ئۇچرايدىغان مېتال ۋە ئۇران مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شەك - شۈبھىسىزكى، خام ماتېرىيال تىپىدىكى تەبىئىي بايلىقنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى قازاقىستان مىللىي ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى يېڭىشى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى كاپالەتلەندۈرمەكتە. ئەمما، قازاقىستان خام ماتېرىيال ئېكسپورتىغا قاچانغىچە تايىنالايدۇ؟
قازاقىستان زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتتە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: »بىز تەبىئىي بايلىققىلا تايانساق بولمايدۇ. بىز خەلقئارا بازاردا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مېتال باھاسىدا ئۆزگىرىش بولسا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىزدەۋاتىدۇ، بىزمۇ بۇنىڭغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك«.
زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ 2020 - يىلىدىن ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادتا يېڭىلىق ياراتقۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشى ئۈچۈن ئورۇندىلىدىغان زور ۋەزىپىلەرنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بەش جەھەتتىكى پائال يۈزلىنىشنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيىتى بار دەپ قارىدى.
بىرىنچى يۈزلىنىش: يېڭى تېخنىكا ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ مۇنداق دەپ قارايدۇ: »ئەگەر بىر كارخانا تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كارخانىنىڭ قالاقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئېنېرگىيەنى تېجەش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى ئېنېرگىيە تېجەش ئەمەس، ئۇ بىر كارخانىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ«.
ئىككىنچى يۈزلىنىش: غەيرى خام ماتېرىيال ساھەسىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئاشىدۇ. ماشىنىسازلىق سانائىتى غەيرى خام ماتېرىيال ساھەسىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىشى كېرەك. بۇ ئاپتوموبىل ياساش سانائىتى ۋە پاراۋوز ياساش سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى يۈزلىنىش: ئىشچى - دېھقانلار ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلىدۇ. 54 باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئەتراپىدا 2700 يېزا ئىگىلىك گەۋدىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ. ئۇلار پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتلار چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى يۈزلىنىش: ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ساھەسىدىكى بىر قىسىم پىلانلار ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ياراتقان مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى يېرىمىدىن ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. گېرمانىيەنى مىسالغا ئالساق، ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن مەملىكەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %85 ىنى ئىگىلەيدۇ.
بەشىنچى يۈزلىنىش: ئەمگەك - ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. بۇ ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈش پىلانى ئەمگەك - ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
قازاقىستاننىڭ سانائەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن باشقا چىقىش يولى يوق. زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ مۇنداق دېدى: »ئەگەر بىز يېڭىلىق ياراتمىساق، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىساق، ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارمىساق، ئۇ ھالدا بىزنىڭ رىقابەت كۈچىمىز قالمايدۇ - دە، قالاق ھالەتتىن قۇتۇلالمايمىز«.
شۇڭلاشقا، سانائەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. قازاقىستان خام ماتېرىيال ساھەسىگە تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىمۇ ئاشماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت قازاقىستاننىڭ بازار ئىگىلىكى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلدى. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، قازاقىستان مەبلەغ سېلىشنى باھالاش دەرىجىسىگە ئېرىشكەن تۇنجى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بانكىسى قازاقىستاننى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە 20 دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزدى. مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، قازاقىستان جەلپ قىلغان مەبلەغ 21 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. قازاقىستان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا رىقابەتلىشىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئاساسىدا قۇرۇلغان، تاۋار، مۇلازىمەت، كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچى ئېكسپورتىنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت بولۇپ يېتىلمەكتە. شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا بىر ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. لېكىن بۇنداق تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئىجتىمائىي ساھەلەردە تۈپ ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
قازاقىستان بىر كىچىك ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايەت زور يېقىلغۇ ۋە مىنېرال خام ماتېرىياللارنى توپلاش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن پىششىقلاش سانائىتى ساھەسىدىكى مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولماقتا. بۇ قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ خام ماتېرىيال بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىغا قارىتا تاقابىلچانلىقىنىڭ ئاجىز ھەم سەزگۈر بولۇشىنى بەلگىلىگەن.
قازاقىستاننىڭ سانائەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ كۆلىمى »ئاسىيا يولۋىسى« دەپ ئاتالغان سانائەتتىكى سەكرەپ ئىلگىرىلەشتىن قېلىشمايدۇ. قازاقىستاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش پىلانى ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 8 تىرىليون 300 مىليارد تەڭگىگە يېتىدىغان 469 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قازاقىستان 2011 - يىلى بىر يىل ئىچىدىلا 200 مەبلەغ سېلىش تۈرىنى يۈرگۈزدى. قازاقىستان ھۆكۈمەت تارماقلىرى سانائەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىدىكى بارلىق تۈرلەر مۇھىم تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قالدۇق زاپىسى ۋە دۆلەت ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ئاساسىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۆزئارا باغلانغان بولىدۇ، شۇنداقلا قازاقىستان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، سانائەتلىشىش بولسا رىئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ قازاقىستان ئىقتىسادىنى خام ماتېرىيال مەنبەسى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى يېڭى تېخنىكا ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 2011 - يىلى سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىدىكى بارلىق تۈرلەرگە 1 تىرىليون 500 مىليارد تەڭگە مەبلەغ سېلىندى. 2011 - يىلى دەسلەپكى يېرىم يىلدا ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 114 مىليارد تەڭگە بولغان 75 تۈر يۈرۈشتۈرۈلۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىلدى. سانائەتلەشتۈرۈش پىلانىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا دەسلەپكى قەدەمدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر كىشىلەرنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇكى، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادتا يېڭىلىق ياراتقۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش نىشانى يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشىدۇ.
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ئەنگىلىيە دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىدىكىل...
1957-يىلدىكى ۋىسكى ھارىقى كىم ئاشتى قىلىنىپ سېتىلىدىكەن باھاس...
بىكخامنىڭ 10 ياشلىق ئوغلى بەدىنىگە دادىسىغا ئوخشاش گۈل چەكتۈ...
پاكىستاندىكى 14ياشلىق بالىلار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ق...
2012-يىللىق بيېجىڭ كەسپى تاشيول ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىق...