«ئۇزۇندىن بۇيان كورىيە پەقەتلا چاۋشيەننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغىلا زەربە بېرىش كېرەك دەپ پۇتىنى كۈشەپ تۇرغان كىشەن ئېچىۋېتىلدى ...... چاۋشيەننىڭ پۈتۈن چېگرىسى كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىگە كىردى.» كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 8- ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئامېرىكىنىڭ كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش مۇساپىسىنى ئۇزارتىشىغا يول قويۇشتەك قارارىغا مۇشۇنداق ئوچۇق- ئاشكارا باھا بېرىلدى.بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى كورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمەسى كورىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئېتىش مۇساپىسىنىڭ ھازىرقى 300 كىلومېتىردىن 800 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەڭلا بۇ تەدبىرنىڭ «چاۋشيەننىڭ خىرىسى» غا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ئەمما خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن تارىلىۋاتقان ئۇچۇر تولىمۇ مۇرەككەپ ئىكەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 7- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە «ئابىدە» دېگەن سۆز بىلەن بۇ كېلىشىمنىڭ كورىيەگە بولغان ئەھمىيىتىنى سۈپەتلىدى، ھەمدە «بۇ ئىش چاۋشيەننى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو، ياپونىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئەندىشىسىنىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم زېمىنىمۇ كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.» دېيىلدى. ياپونىيە ئاساھى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئىش شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى جىددىي كەيپىياتنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ «ئويلىمىغان ھەرىكەت» قوللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ ئىشنى «ئامېرىكىنىڭ قوش ئۆلچەم سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنىڭ كىشى سەۋر قىلالمىغۇدەك مىسالى» دەپ قارىدى، چۈنكى ئامېرىكا ئىران، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ غايەت زور تەھدىتىنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ تۇرۇپ، ئەكسىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى چەكلەشتەك خەلقئارا قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن خىلاپلىق قىلىپ، زور كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە بىر يوچۇق ئېچىپ بەردى
ھەمبەھىرلىنىڭ