ئاچچىقلىنىش ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ:
1.داغ پەيدا قىلىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا كۆپ مىقداردىكى قان باش قىسمىغا ئېقىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ، توكسىن كۆپىيىپ كېتىدۇ. توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغلاندۇرۇپ داغ پەيدا قىلىدۇ.
2. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ قاننىڭ مېڭىگە كۆپلەپ ئېقىشى بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، قان تەركىبىدىكى توكسىن ئەڭ كۆپ، ئوكسىگېن ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە كەلتۈرىدىغان تەسىرى »زەھەرلىك دورا« دىن قېلىشمايدۇ.
3. ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ ئاچچىقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىنى روھلاندۇرۇپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە ئېقىپ كىرىدىغان قان مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلاپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ.
4.يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ كۆپ مىقداردىكى قاننىڭ چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېقىشى سەۋەبىدىن، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قاننىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىپ جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن.
5.جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ ئاچچىقلانغاندا ئادەمنىڭ تېنى كاتېخولئامىن دېيىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ماددا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىننى ماس ھالدا كۆپەيتىۋېتىدۇ.
6. ئوپقاننى پەيدا قىلىدۇ ئاچچىقلىنىش ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، قالقان بەز ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئوپقان (قالقان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدۇ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالغاندا، نەپەس جىددىيلىشىپ، ئۆپكە پۇۋەكچىلىرى توختىماي كېڭىيىپ يىغىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوشاپ ئارام ئالالماي، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يېتىدۇ.
8.ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ ئادەم ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەننى بىر خىل خولېستېرىندىن ئۆزگىرىدىغان پوستلاق ماددا ھاسىل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ خىل ماددا بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ