بۇغىنى بېقىش - باشقۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

0 2012-10-08 12:34:07   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      بۇغا باقمىچىلىقىدا ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      1. مارال ۋە ئەركەك بۇغىنى ئايرىم بېقىش      مارال، ئەركەك بۇغا ۋە موزىيىنى بىللە بېقىش مەزگىلى 3~4 ئايغىچىلىك بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مارال ۋە ئەركەك بۇغىنى ئايرىم قوتاندا بېقىش كېرەك. چۈنكى مارال بىلەن ئەركەك بۇغىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى، فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى، ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى، كۈندىلىك ئوزۇق رېتسىپى، ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتى ۋە بېقىش - باشقۇرۇش شارائىتى قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ.
      2.مارالنىڭ تۇنجى ئۇرۇقلاندۇرۇلۇش مەزگىلىنى بېكىتىش
      يېتىلگەن مارالنىڭ يېشى ۋە كۈيلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇرۇقلاندۇرۇشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك. ئۇرۇقلاندۇرۇشتىن ئىلگىرى كۈندىلىك يەمدىكى ئوزۇقلۇق ماددا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، نورمال كۈيلەش ۋە تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مارالنى ئۇرۇقلاندۇرۇشقا ماس كېلىدىغان تەن ھالىتىنى ساقلاش كېرەك.
      3.باش ئەتىيازدا مارالنى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش
      يېتىلىۋاتقان مارالنىڭ جۇغى كىچىك، سوغۇققا چىدامچانلىقى ئاجىز بولغاچقا، باش ئەتىيازدىكى تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولغان كىلىمات شارائىتىدا چوقۇم زۆرۈر بولغان ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەمدە ياخشى بولغان بېقىش - باشقۇرۇش شارائىتىنى يارىتىش كېرەك. بولۇپمۇ كىلىماتى سوغۇقراق رايونلاردا ئىسسىق ساقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قوتاننىڭ تاملىرىدىكى يوچۇقلارنى ھىم ئېتىپ، بۇغا پادىسىنى ئىمكانقەدەر شامال ئېغىزى ۋە سوغۇق كىرىدىغان ئېغىزلاردىن يىراق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەن ئىسسىقلىقىنىڭ خورىشىنى ئازايتىش كېرەك.
     4. بۇغا قوتىنىنى پاكىز تۇتۇشقا ئېتىبار بېرىش
      بۇغا قوتىنىنىڭ ئىچى پاكىز، قۇرغاق بولۇشى ھەمدە قىغ - ماياقلار ۋاقتىدا تازىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئوت - چۆپ ئوقۇرى بىلەن سۇ ئوقۇرىنى قەرەللىك پاكلاپ، كېسەللىك تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
      5. مەقئەت تېشىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
      ئۇرۇقلاندۇرۇش مەزگىلىدە يېتىلىۋاتقان ئەركەك بۇغىلار ئۆزئارا ئارتىلىپ، تەن ئېنېرگىيەسى خوراش، ھەتتا تۈز ئۈچەي تېشىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋا رايى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن، يامغۇر يېغىپ ھاۋا ئېچىلغان چاغلاردا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى گەۋدىلىك بولىدۇ. شۇڭا بۇغىلارنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
     6. بۇغىلارنى ئۆگىتىش ۋە كۆندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش
      قوتاندا بېقىلغان بۇغا پادىسى گەرچە مۇئەييەن دەرىجىدە كۆندۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن نورمالسىز ئەھۋاللارغا يولۇققاندا چۆچۈپ پېتىراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇغىلارنى ئۆگىتىش ۋە كۆندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مۇرەككەپ مۇھىتلارغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر