دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى قەرز ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىنىڭ سىرتقا بولغان قەرزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن .
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە ، دۆلىتىمىز قەرز سوممىسى ئىچىدە ، تاشقى قەرز ئومۇمىي سوممىسى 495 مىليارد 72 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ، كارخانىلار ئارا سودا قەرز ئومۇمىي سوممىسى 290 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان . مۇددەت قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز ئومۇمىي سوممىسى 196 مىليارد 950 مىليون دوللار ، قىسقا مەزگىللىك قەرز ئومۇمىي سوممىسى 588 مىليارد 222 مىليون دوللار بولغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ، كارخانىلار ئارا سودا ئامانەت قەرزى % 49.32 نى،بانكا سودا مەبلىغى % 24.57 نى ئىگىلەيدىكەن ، ئىككىسىنىڭ يىغىندىسى قىسقا مۇددەتلىك قەرزنىڭ % 73.89 ىنى ئىگىلەيدىكەن .
سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشچە، 2012-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، دۆلىتىمىز يېڭى ئۆتنە ئالغان ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز 21 مىليارد 255 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ، قايتۇرۇلغان ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز دەسمايىسى 14 مىليارد 779 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ، چىقىم قىلىنغان ئۆسۈم 1 مىليارد 198 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن . ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز خىراجىتى ئاستىدا ئېقىپ كىرگەن كاپىتال 5 مىليارد 278 مىليون دوللار بولۇپ ، تۆۋەنلەش نىسبىتى % 25.24 بولغان.