ئۆزبېكىستان قازاقىستاننى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتقا چەكلىمە قويغاچقا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تەبىئىي گازنى قازاقىستانغا توشۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تولۇمبايېۋ ھۆكۈمەت تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى2011 : - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆزبېكىستان تەرەپ قازاقىستانغا تەمىنلەپ بېرىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىغا چەكلىمە قويدى. يەنى قازاقىستانغا تەمىنلەپ بېرىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى ئەسلىدە توختاملاشقان 3 مىليون 970 مىڭ كۇب مېتىردىن 100 مىڭ كۇب مېتىرى كېمىيىپ كەتتى. ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: »تەبىئىي گازنىڭ تەمىنلەش مىقدارىنى تۇراقلاشتۇرۇپ زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستاندىكى Poltoratoskoye، Koktobe ۋە Amangeldy تەبىئىي گاز مەيدانلىرى KazMunayGas ھەم KTG بىلەن بىرلىكتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەبىئىي گاز تەمىناتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىدى.
تولۇمبايېۋ يەنە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى2011 : - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى بىلەن 5 مىليون كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. مەزكۇر كېلىشىم بويىچە، 2011 - يىلىدىن2012 - يىلىغىچە بولغان كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە يەنە 12 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەپ بېرىلىدۇ، بۇ تەمىنات 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاياغلىشىدۇ.
تولۇمبايېۋ ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 21 دە تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گېزى يوللىغۇچى سىستېمىغا كىرىشكە باشلىدى، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈشى پۈتۈنلەي نورماللاشتى. نۆۋەتتە، بىز جامبۇل ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ قويدۇق.
ئالمائاتا ئەھمەدرېيىم ياسىموۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە قازاقىستان چوڭ شەھەرلىرىدىكى تەبىئىي گاز قىس بولۇش مەسىلىسى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ زۇڭلى ماكسىموۋغا مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن بىر ياز زېھىن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىزنى تەبىئىي گاز قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاراتتۇق، ئاڭلىغىنىمىز بۇ يىل بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز، دېگەندەك ۋەدىلەر بولدى. ئەمما بەختكە قارشى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش بۇ ئەھۋال يەنىلا كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. زۇڭلى ماكسىموۋ بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ تەشۋىشىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ