تۈركمەنىستاندا %50 كە يېقىن ئاھالىنىڭ خىزمىتى يوق

0 2012-09-13 11:23:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      تۈركمەنىستان كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىللەت كەمسىتىشىنى يوقىتىش كومىتېتى چوڭ يىغىنىغا تەييارلىغان دوكلاتىدا، ئىشسىزلىق تۈركمەنىستاندىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، %50 كە يېقىن تۈركمەنىستان ئاھالىسىنىڭ خىزمىتى يوق، بۇ نىسبەت يېزا - كەنت رايونلىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى، دەپ كۆرسەتتى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئەمما تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا بۇ ئومۇميۈزلۈك ئىشسىزلىقنى ئېتىراپ قىلمىدى، بۇ مەسىلىگە قارىتا ھېچقانداق ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتنىمۇ ئېلان قىلمىدى. ئىشسىزلارنى ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىمىدى، دۆلەتمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقارمىدى. دۆلەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولمىغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان تۈركمەنىستان پۇقرالىرى تۈركىيە ياكى رۇسىيەگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى، يەنە كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەر قاراڭغۇ بازاردا ئىشلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر