جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساش بازىسى قۇرۇشقا كىرىشتى

0 2012-09-13 11:22:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      جۇڭگو خېبېي ئۆلكىسىدىكى شىئاۋ ئايروپىلان ياساش چەكلىك شىركىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ روستوف مىل تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساش پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى يېقىندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭچۈەن ناھىيەسىدە ‹‹مىگا - 2M›› ۋە ‹‹مىگا - 2A›› بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساش بازىسى قۇرۇشقا كېلىشتى. بۇ ئاسىيا قىتئەسىدىكى بىردىنبىر بازا بولۇپ قالىدۇ.
      ئىككى تەرەپ يەنە ئاسىيادا 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان ‹‹مىگا›› سىستېمىسىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى رېمونت قىلىش بازىسى قۇرىدىغان بولدى. ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ھازىرلانغاندىن كېيىن، بۇ بازىدا ھەر يىلى ‹‹مىگا - 2M›› ۋە ‹‹مىگا - 2A›› بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن 100 نى ياسىغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر