قىرغىزىستان دۇنيا كارخانىلىرىنى توقۇمىچىلىق سانائىتىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلدى

0 2012-09-12 11:49:40   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      يېقىندا قىرغىزىستان ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى يېنىك سانائەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پاتىمە سادامقۇلۇۋا مۇنداق دېدى: پاختا ۋە قوي يۇڭى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىمىز يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، تەبىئىي تالا مەھسۇلاتىمىزنىڭ %95 ىنى ئېكسپورت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 101 مىڭ 300 توننىغا، قوي يۇڭى مەھسۇلاتى 11 مىڭ 100 توننىغا يېتىدۇ. بىز پاختا ۋە قوي يۇڭى مەھسۇلاتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 120 مىڭ توننىغا ۋە 16 مىڭ 600 توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. شۇڭا دۇنيا كارخانىلىرىنى توقۇمىچىلىق سانائىتىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر