تاجىكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى تۇنجى قېتىم 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. ئەڭ تۆۋەن مائاش كىرىمى ئاران 18 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 800 ئامېرىكا دوللىرى، 600 ئامېرىكا دوللىرى، 326 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 158 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قالاق، دۆلەت ئىچى مائاش سەۋىيەسىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇشتەك بىر قاتار مەسىلىلەر كۆپ قىسىم تاجىكىستان پۇقراسىنى رۇسىيە ياكى قازاقىستانغا بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تاجىكىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 500 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى چەت ئەللەردە ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېرىمدىن ئارتۇق ئاھالە چەت ئەلدىن ئەۋەتىلگەن پۇل بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ