ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە تېرە ساغلاملىقى

0 2012-08-24 11:50:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ھەممىمىزگە مەلۇمكى، قۇياش نۇرى ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ، قۇياش نۇرىغا مۇۋاپىق قاقلىنىش ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، مەسىلەن ئادەم تېنىنىڭ كالتسىي ۋە فوسفورنى قوبۇل قىلىشىنى كۈچەيتىدۇ، راخت كېسىلى، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى، قان ئازلىق قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدۇ. يەنە قۇياش نۇرىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ناھايىتى كۈچلۈك مىكروپ ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئادەتتىكى مىكروپ ۋە بەزى ۋىرۇسلار يېرىم سائەتتىن بىرنەچچە سائەتكىچە قۇياش نۇرىغا قاقلانسىلا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر يەنە ئادەم تېنىدىكى ھىدروگېنسىزلانغان خولېستېرىننى ۋىتامىن D غا ئايلاندۇرۇپ، سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشى ۋە ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا قۇياش نۇرى ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر ئېلىمىزدىكى بىرنەچچە چوڭ شەھەرلەردىكى كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىنى مەخسۇس ستاتىستىكا قىلغاندا، كۈننىڭ چۈشۈش ۋاقتى بىلەن بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
      ئەلۋەتتە قۇياش نۇرى بىلەن ئادەمنىڭ سالامەتلىكى چەكسىز ھالدا ئوڭ تاناسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئارتۇقچە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ، يەنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ رولىنى تورمۇزلاپ، ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، كۆز، تېرە ۋە ئۆپكىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاتموسفېرانىڭ ستراتوسفېرا قەۋىتىدىكى ئوزون ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ مىقدارى بارغانسېرى كۆپەيدى، سالامەتلىك (ئاساسلىقى تېرە) گە بولغان تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيدى. كىشىلەرنىڭ سىرتلارغا چىققاندا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى زىيىنىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرىمۇ ھەر ۋاقىت ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىپ تۇرماقتا.
      كۆپچىلىكنىڭ ئەستە ساقلىشى، چۈشىنىشى ۋە ئىشلىتىشىگە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى ئادەتتە 0 دىن 10 غىچە قىلىپ بېكىتىلگەن( 10 دىن چوڭىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 5 دەرىجە بويىچە ئالدىن مەلۇمات بېرىلىدۇ:
      يامغۇرلۇق ھاۋا ياكى ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئەڭ ئاجىز بولۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى 0 دىن 2 گىچە  بولىدۇ، ئالدىن مەلۇماتتا 1- دەرىجە دېيىلىدۇ؛ بۇلۇتلۇق كۈنلەردە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئاجىزراق بولۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى 3 دىن 4 كىچە بولىدۇ، ئالدىن مەلۇماتتا 2 - دەرىجە دېيىلىدۇ؛ ئازراق بۇلۇتلۇق كۈنلەردە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى 5 تىن 6 گىچە بولىدۇ، ئالدىن مەلۇماتتا 3 - دەرىجە دېيىلىدۇ؛ ئوچۇق بۇلۇتسىز كۈنلەردە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى 7 دىن 9 غىچە بولىدۇ، ئالدىن مەلۇماتتا 4 - دەرىجە دېيىلىدۇ؛ يازدىكى بۇلۇتسىز كۈنلەردە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى 10 غا يېتىدۇ ياكى 10 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئالدىن مەلۇماتتا 5 - دەرىجە دېيىلىدۇ.
      يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچ ۋە دەرىجە جوڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر كۈنى سائەت 10 دىن 14 كىچە ئۆلچەنگەن ئوتتۇرىچە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىسى ۋە دەرىجىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، كىشىلەر بۇنداق چاغدا )بولۇپمۇ يازدا( ئامال بار دالا پائالىيەتلىرىگە چىقماسلىقى، قىشلىق ئاپتاپقا قاقلىنىشتىمۇ سائەت 10 دىن بۇرۇنقى ۋە سائەت 3 تىن كېيىنكى ‹‹ئالتۇن ۋاقىت›› نى تاللىشى كېرەك.
      مېتېئورولوگىيە ئىستانسا - پونكىتلىرى ياكى كەسپىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسا - پونكىتلىرى ئادەتتە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەر كۈنى سائەت 9 دىن ئىلگىرى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ شۇ كۈنلۈك دەرىجىسىنى، ھەر كۈنى سائەت 3 تىن كېيىن ئەتىسىدىكى دەرىجىسىنى ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ. كۆپچىلىك تېلېۋىزىيە ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتى، ھاۋارايى تور پونكىتى ۋە گېزىتلەردىن ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ دەرىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر 3 - دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا، ئۇزۇن يەڭلىك كۆينەكلەرنى كىيىش، قارا كۆزەينەك تاقاش، كۈنلۈك ئېلىۋېلىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنى سۈرۈۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن مۇۋاپىق مۇداپىئەلىنىپ تېرە زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
      تۇرپان شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ياسىن ئىبراھىم تەمىنلىگەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر