ساغلاملىق گۆھىرى - ئۆرۈك مېغىزى

0 2012-08-24 11:49:15   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن E ئىنتايىن مول. ئادەتتە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان بىر كۈنلۈك ۋىتامىن E مىقدارىنىڭ يېرىمىنى20-25 تال ئۆرۈك مېغىزىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ۋىتامىن E ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇپ، يۈرەك كېسەللىكلىرى، دىيابىت كېسىلى، ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ياخشىلايدۇ. ۋىتامىن B12، ۋىتامىن A قاتارلىق ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقىنى ياخشىلاپ، نەملىكىنى ساقلاپ، تېرىگە داغ ۋە سەپكۈن چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
      كۈندە ئۆرۈك مېغىزى يەپ بەرگەندە، تاماقنى كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلانغىلى ھەمدە ياغلارنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكلىرى، يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى ھەم سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر