1. كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش بۇغا موزىيى تۇغۇلغاندىن كېيىن، تېنىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇقلارنى دەرھال سۈرتۈپ تازىلاش، ئەگەر قوتان ئىچى سوغۇق بولسا، ئوت يېقىپ ئىسسىتىپ، بۇغا موزىيىنىڭ تېنىنى قۇرۇتۇش كېرەك. يەنە بالدۇرراق ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىمكانقەدەر تېز ئوغۇز سۈتى ئەمدۈرۈش كېرەك. ئاندىن قۇلىقىغا بەلگە سېلىپ، ۋاقتىدا مارال توپىغا قوشىۋېتىش كېرەك.
2. سۈنئىي ئەمدۈرۈش تۇغۇتتىن كېيىن ئۆلۈپ قالسا ياكى سۈتى چىقمىسا ۋە ياكى سۈتى يېتەرلىك بولمىسا، بۇغا موزىيىنى سۈنئىي ئەمدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا كالا سۈتى ياكى ئۆچكە سۈتى بەرسە بولىدۇ. سۈت بېرىش قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى بۇغا موزىيىنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى ئېغىرلىقى، يېشى ۋە يېتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ. بۇغا موزىيىنى ئەمدۈرگەندە ئاۋۋال ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىپ، ئۈركىمەيدىغان بولغاندا ئاندىن سۈت بەرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قېتىم سۈت بەرگەندىن كېيىن، سوسكىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، باكتېرىيە بۇغا موزىيىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىپ، ھەزىم ناچارلىشىش ۋە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. بالدۇرراق يەم - خەشەككە ئۆگىتىش بالدۇرراق قوشۇمچە يەم - خەشەككە ئۆگەتسە، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سۈتتىن بالدۇر ئايرىغىلى بولىدۇ. ئادەتتە، 15-20 كۈنلۈك بولغاندىلا قوتان ئىچىگە كىچىك ئوقۇر ياساپ، ئازراق بوغۇز سېلىپ قويسا بولىدۇ. بوغۇزنى ئەڭ ياخشىسى ئىلمان سۇغا چىلاپ، كۈندە بىر قېتىم يەپ بولالىغۇدەك بەرسىلا بولىدۇ. كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازراق يېشىل ئوت - چۆپ، يوپۇرماق ۋە ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق ئوت - چۆپلەرنى بەرسە بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە قوتان ئىچىگە سۇ ئوقۇرى بېكىتىپ، يېتەرلىك پاكىز سۇ بېرىش كېرەك.
4. مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوتانغا ئايرىش بۇغا موزىيى نورمال يەم - خەشەك يېيىشكە باشلىغاندا ئۇنى ئانىسىدىن ئايرىپ ئايرىم قوتاندا باقسا بولىدۇ، لېكىن ئانا - بالىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەسلەپتە بۇغا موزىيىنى چۈشتە ۋە كېچىدە 2 قېتىملا ئانىسىنى ئەمدۈرۈپ، كېيىنچە ئەمدۈرۈش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىش كېرەك. ئانىسىدىن ئايرىغاندىن كېيىن ئايرىم قوتاندا كۆڭۈل قويۇپ بېقىش كېرەك.
5. سۈتتىن ئايرىش سۈتتىن ئايرىغاندىن كېيىن جىنسى، تەن ساپاسى ۋە جۇغىغا قاراپ توپقا ئايرىپ بېقىش كېرەك. دەسلەپ سۈتتىن ئايرىغاندا كۆنەلمەي روھسىزلىنىپ ئانىسىنى ئىزدەيدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلايدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا يەم - خەشەك بېرىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، كۈندە 4-5 قېتىمغا يەتكۈزۈش، كېچىدە 1 قېتىم يىرىك يەم - خەشەك بېرىش كېرەك. كېيىن تەدرىجىي ئازايتىپ، كۈندە 3قېتىمغا ئۆزگەرتىش كېرەك؛ يەم - خەشەكنى پىششىقلاپ ئاندىن بېرىش، يەنى كانىپۇرچاق (دادۇر)، كۆممىقوناقلارنى پىشۇرۇپ بەرسە ياكى كانىپۇرچاقنى بوتقىلاپ ئاندىن قوناق ئۇنىنى مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. يىرىك يەم - خەشەكلەرنى بەرگەندە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوت - چۆپ، دەرەخ يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنى تاللاپ، توغراپ ياكى ئۇششاقلاپ بېرىش كېرەك. بۇغا موزىيىغا يەنە يېتەرلىك پاكىز سۇ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مىنېرال ماددا، ۋىتامىن ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇندىن باشقا، يەنە كۈندىلىك ئوزۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى، سۆڭەك پاراشوكى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق راخىت كېسىلى ۋە سۆڭەك يۇمشاش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ