تۇياق چىرىش كېسىلى قۇرۇق چىرىش ۋە ھۆل چىرىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تۇياق چىرىش كېسىلى ئات، ئېشەك، قېچىر قاتارلىق ئات ئائىلىسىدىكى ھايۋانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە بىر تۇياقتا كۆرۈلىدۇ، ئىككىلا تۇياقتا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى يۇقىرى بولمايدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە تۇياقنى ياسىماسلىق ياكى بەك نېپىز ياساش، ئېغىل نەم بولۇش، تۇياق سۈيدۈك ۋە تېزەكلەر بىلەن بۇلغىنىش، تۇياق ئاستى مىخ ۋە تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر سانجىلىپ يارىلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدا تۇياق بىۋاسىتە زەخىملىنىدىغان بولغاچقا، ئىقتىدارى چېكىنىپ، يارا ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ چىرىيدۇ. بۇ كېسەللىك تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدۇ.
ئات ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ تۇياق چىرىش كېسىلىنى داۋالاشتا، ئاۋۋال ئېغىل ۋە قوتاننى پاكىز تازىلاپ قۇرۇقداپ تۇرۇش ھەمدە تۇياقنى پاكىز تۇتۇش كېرەك. ئەگەر تۇيىقى قۇرۇق چىرىگەن بولسا، ئاۋۋال تۇياق كاۋىكىدىكى چىرىگەن ئۇۋۇندىلارنى پاكىز تازىلىۋېتىپ، ئىسسىق ماينى كاۋاك ئىچىگە تۆكۈپ، كاۋاك ئىچىنى ھۆلدەپ، ئاندىن پاختا ياكى چاچنى كاۋاك ئىچىگە سېلىپ توشقۇزۇپ، ئاخىرىدا ئىسسىق سېرىق موم بىلەن ھىملەش كېرەك. ئەگەر ھۆل چىرىش بولسا ئاۋۋال يود تىنىكتۇرىيەسى ياكى ئاق ھاراق بىلەن كاۋاك ئىچىدىكى پاسكىنا سۇيۇقلۇقلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، لوڭگۇ (龙骨) ۋە زەرنىخ شيوڭ خۇاڭ 雄黄 قاتارلىقلاردىن تەڭ ئۈلۈشتە ئېلىپ ئۇششاق يانچىپ، ئۇنسىمان دورا ياساپ، كاۋاك ئىچىگە قۇيۇپ، ئاندىن ئىسسىتىلغان سېرىق موم بىلەن كاۋاكنى ھىم تولدۇرۇپ ئېتىۋەتسە بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ