1. تېرىش: كۆكتات تېرىپ ئۈنگىچە ئاساسلىقى ئۇرۇقتىكى ئوزۇقلۇق بىلەن ئۆسىدۇ. بۇ مەزگىلدە سۇ يېتەرلىك، مايسىزارلىق تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى، ھاۋا ئۆتۈشۈش شارائىتى ياخشى بولۇشى كېرەك. تېرىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئوسا قىلىپ ئاندىن تېرىش، قۇرۇق، يۇمشاق توپا بىلەن ئۇرۇقنى 0.5-2.0 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا كۆمۈش كېرەك.
2.تېمپېراتۇرا: پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرگەندە ئۇرۇقنى كۆمۈپ بولۇپ، ۋاقتىدا يوپۇق يېپىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىپ، ئۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇرۇق ئۈنۈپ تۇنجى ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغۇچە، كېچىلىك تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، تۆرەلمە ئوقى بەك ئۆسۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە يۇمران مايسىغا يېتەرلىك يورۇقلۇق چۈشۈرۈش كېرەك. مايسا ئۈنۈپ 2-3 كۈن ئىچىدە مايسىزارلىق تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۆرلىتىۋەتمەي، يېتەرلىك يورۇقلۇق چۈشۈرۈپ، »شادا پاچاق مايسا« شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3.سۇغۇرۇش: ئۇرۇق تېرىلىپ ئۈنگىچە سۇغۇرۇلمايدۇ. تۇپراق قۇرۇپ كەتسە، ئەھۋالغا قاراپ سۇ پۈركۈسە ياكى تېيىز سۇغارسا بولىدۇ.
4.ئۆسۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرگەندە مايسا ئۈنگەندىن كېيىن، يورۇقلۇق ئۆتكۈزمەيدىغان يېپىنچىنى ئېلىۋېتىپ، ۋاقتىدا يورۇقلۇق چۈشۈرۈش، مايسىزارلىق تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
ئامېرىكا باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن يا...
فىللىپىندا بىر جۈچ ياش كەلكۈن سۈيىدە تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆت...
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكل...
سۇمالىدا تېرورچىلار ئۆسمۈر بالىلارنى باغلاپ ئۆزىنى قوشۇپ پ...
قىسقىغىنە 6 مىنۇت ئىچىدە كېرىيە ناھىيەسىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 ...
ئامېرىكا ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلى 2013- يىلى 1- ئايدا ئۇچۇشى ت...
ھىندىستانلىق 23 ياشلىق ئايالنىڭ كۆزىگە ئىككى تال چىش چىقىپ ق...