تەرخەمەكتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئوغۇت زىيىنى

0 2012-08-14 11:57:12   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      تەرخەمەكتە كۆرۈلىدىغان ئوغۇت زىيىنى ئۈچ خىل ئەھۋالدا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ.
1.       ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن بەك كۆپ ئوغۇتلاش
      ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن بەك كۆپ ئوغۇتلىسا، ئازوتنىڭ تۇپراقتىكى قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، تەرخەمەكنىڭ غول ۋە يوپۇرمىقىدا كالتسىي كەملىك ئالامىتى، يەنى يوپۇرماق گىرۋىكى سارغىيىش، رەڭگى سۇسلاپ سارغىيىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يىلتىزى قوڭۇرغا ئۆزگىرىپ، يىلتىز ئۇچى كۆتمەكلىشىدۇ. ئايرىم تۈپلەرگە ئوغۇت كۆپ بېرىلگەن بولسا، تېز سولىشىپ، كۆك قۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
2.      فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن بەك كۆپ ئوغۇتلاش
      فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن بەك كۆپ ئوغۇتلىسا، كۆپىنچە خەمەكلەشتىن ئىلگىرى يېڭى يوپۇرماقتا تۇيۇقسىز ئۇچى ياكى كۆپ قىسمى سارغىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، لېكىن سېسىپ قۇرۇش كۆرۈلمەيدۇ. ۋاقتىدا سۇغارسا قۇتۇلدۇرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ لۈبوكاڭ (绿勃康) پۈركۈسە، بۇنداق ئالامەتنى تېز يوقاتقىلى بولىدۇ. فوسفور كۆپ بولۇپ كەتسە، يەنە تەرخەمەك پوستى قاتتىقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.      ئوغۇت كۆيدۈرىۋېتىش
      ئوغۇت كۆيدۈرىۋېتىش تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ:
      (1) تولۇق چىرىمىگەن شاخ - شۇمبا، ھەرە كېپىكى، توپان بىلەن كۆپ ئوغۇتلىغاندا، تۇپراقتا ئېچىپ، كۆپلەپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ ياكى تۇپراقتىكى تېز ئۈنۈملۈك ئازوتنى يوقىتىپ، تۈپلەر سارغىيىپ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا سۇغىرىش ھەمدە سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ تېز ئۈنۈملۈك ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك.
      (2) قىغ، كۈنجۈرە، خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاپ، تۇپراق بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرمىسا، تەرخەمەك يىلتىزى ئۆسۈپ ئوغۇت توپلاشقان ئورۇنغا بارغاندا ئوغۇت يىلتىزنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ. چۆنەك ئېچىپ ياكى ئۇۋىلاپ يىلتىزغا يېقىن ئوغۇتلىغاندىمۇ، يىلتىزنى ئاسانلا كۆيدۈرىۋېتىدۇ. يىلتىزى كۆيگەندە كۆپىنچە يوپۇرماق گىرۋىكى قۇرۇش ياكى يوپۇرمىقى سولىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا سۇغىرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، توخۇ مايىقى بىلەن ئوغۇتلىغاندىمۇ تۈپلەردە ئاسانلا ئۆسۈشى ئاستىلاش، يوپۇرماق رەڭگى قېنىقلىشىش، يوپۇرماق پۇرلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر