1. سىرتقى شەكلىگە قاراش تىراكتورنىڭ سىرتقى شەكلىدە غەيرىيلىك بولسا، مەسىلەن، تۈز يەردە توختاتقاندا بىر تەرەپكە يانتۇ تۇرسا، بالوندا بىنورمال ئۇپرىغان، جىجىلغان، زاپچاسلار چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
2. ماي ئېقىپ قالغان - قالمىغانلىقىغا قاراش تىراكتورنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىڭ ھىملىقى بۇزۇلسا ماي ۋە سۇ ئېقىش، گاز ۋە توك قېچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
3.ماي سەرپىياتىغا قاراش تىراكتورنىڭ ھەر خىل ماي سەرپىياتىنىڭ ئۆلچەم دائىرىسى بولىدۇ. ماي سەرپىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلسە، تىراكتوردا يوشۇرۇن كاشىلا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4.ئاۋازغا دىققەت قىلىش مەشغۇلات جەريانىدا تىراكتورنىڭ مەلۇم قىسمىدىن غەيرىي ئاۋاز چىقسا، بۇ قىسمىدا كاشىلا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
5.ئارىلىققا قاراش تىراكتورنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى ئۆلچەملىك بولىدۇ. ئارىلىقى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا، كاشىلا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
6.چىققان پۇراققا قاراش مەشغۇلات جەريانىدا غەيرىي پۇراق (كۆيگەن پۇراق قاتارلىقلار) پۇرىسا، كاشىلا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
7. تېمپېراتۇرىغا قاراش مەشغۇلات جەريانىدا تېمپېراتۇرا بەك ئۆرلەپ كەتكەندەك بىلىنسە ياكى توختىتىپ ھەرقايسى قىسىملارنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولسا، مەسىلەن، تورمۇز قاسقىنى، چاق، ئارقا ئوق قېپى، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ قېپى قاتارلىقلار تۇتقىلى بولمىغىدەك قىزىپ كەتكەن بولسا، كاشىلا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
8.ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش تىراكتورنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرى ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ. ئەگەر مەشغۇلات جەريانىدا ئىقتىدارى تۇيۇقسىز ئاجىزلاشسا (مەسىلەن، ماتور ئىقتىدارى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش، تورمۇز تۇتماسلىق قاتارلىقلار)، كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ