قىرغىزىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ‹2012 - يىللىق سودا - تىجارەت مۇھىتى دوكلاتى› دا 70 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2011 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى ناچارلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سودا - تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان كۆرسەتكۈچ تۆت دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن، 2010 - يىلى بۇ كۆرسەتكۈچ دۇنيا بويىچە 13 - ئورۇندا تۇرغانىكەن؛ قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ تارقىتىلىپ بېرىش كۆرسەتكۈچى ئۈچ دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن، 2010 - يىلى بۇ كۆرسەتكۈچ دۇنيا بويىچە 59 - ئورۇندا تۇرغانىكەن؛ توك بىلەن تەمىنلىنىش كۆرسەتكۈچى ئىككى دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن، 2010 - يىلى بۇ كۆرسەتكۈچ دۇنيا بويىچە 179 - ئورۇندا تۇرغانىكەن.
بۇندىن باشقا، 2011 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش كۆرسەتكۈچى بىر دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ كۆرسەتكۈچ 2010 - يىلى دۇنيا بويىچە 12 - ئورۇندا تۇرغانىكەن؛ باج تۆلەم كۆرسەتكۈچى يەتتە دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ كۆرسەتكۈچ 2010 - يىلى دۇنيا بويىچە 155 - ئورۇندا تۇرغانىكەن؛ ۋەيران بولۇشنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتكۈچى ئالتە دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ كۆرسەتكۈچ 2010 - يىلى دۇنيا بويىچە 144 - ئورۇندا تۇرغانىكەن.
2011 - يىلى مال - مۈلۈكنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كۆرسەتكۈچى، قەرز پۇلغا ئېرىشىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى كۆرسەتكۈچى 2010 - يىلىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 17 -، 8 - ۋە 171 - ئورۇندا تۇرغانىكەن.
2011 - يىلى نومۇر تولۇقلاپ قوشۇلغان بىردىنبىر كۆرسەتكۈچ توختامنى ئىجرا قىلىش كۆرسەتكۈچى بولۇپ، 2010 - يىلىدىكىدىن ئىككى دەرىجە يۇقىرىلىغان، بۇ كۆرسەتكۈچ 2010 - يىلى دۇنيا بويىچە 50 - ئورۇندا تۇرغانىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ