كېرەكسىز ئاپتولنىڭ رولى

0 2012-07-10 11:49:18   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      كېرەكسىز ئاپتولنى خالىغانچە تۆكىۋەتكەندە مۇھىتنى بۇلغايدۇ. ئەمەلىيەتتە كېرەكسىز ئاپتولنى پىششىقلاپ ئىشلەپ قايتا پايدىلانغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكىدەك رولىمۇ بار:
      1. دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ زاپچاسلىرىغا سۈركەپ داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
      2. قول ھارۋىسى ۋە ۋېلسىپىتنىڭ ئوق قازىنى ۋە ئوق قازان كۆزنىكىنىڭ سىلىقلاشتۇرغۇچ مېيى قىلىشقا بولىدۇ.
      3. چىتلاقلارغا سۈركەپ قويۇلسا، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
      4. ئۈسكۈنىلەردىكى سىر پۈركۈش زۆرۈر بولمىغان ئورۇنغا بىر قەۋەت ئاپتول سۈركەپ قويۇلسا سەرپىياتىنى تېجەيدۇ ھەمدە ئۈسكۈنىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
      5. سېمونت، خىش، كاھىش ۋە كېسەكلەرنى قۇيۇشتىن بۇرۇن قېلىپقا بىر قەۋەت كېرەكسىز ئاپتول سۈركەپ قويۇلسا خىش، كاھىش ۋە كېسەكلەر قېلىپتىن ئاسان چىقىدۇ ھەمدە قېلىپنىڭ تېگىگە سېلىنىدىغان قەغەزلەرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
      6. كالىلار قوتۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، كېسەللەنگەن ئورۇنغا كېرەكسىز ئاپتولنى ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 3-2 قېتىم سۈرۈپ بەرسە، سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.
      7. كېرەكسىز ئاپتولغا مۇۋاپىق مىقداردا دېۋىرقاي ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلسا، پاشا ۋە چىۋىنلەرنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ پاشا ۋە چىۋىنلەر يېپىشىپ قالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر